مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14 - نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمە باشلاندى

2019.11.29 14:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ كۈنى نەق مەيداندا 16 تۈر ئىمزالاندى، تەخمىنەن جەمئىي 18 مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

  مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ئالتاي شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرگەزمىگە قاتناشتى ھەم قىشلىق كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا - يەرلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى قاتارلىقلارنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 16 تۈرنى ئىمزالىدى، كېلىشىم مەزمۇنى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مېھمانساراي قۇرۇلۇشى ھەم ساياھەتچىلەرنى توشۇش كېلىشىمى، ساياھەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، تەخمىنەن جەمئىي 18 مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. شەنشى رۇڭۋېي سېلىنما چەكلىك شىركىتى قاناس جيادېڭ جىلغىسى، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مېھمانساراي، قار تېيىلىش جابدۇقلىرى زالى قاتارلىق تۈرلىرىگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى زى رۇڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، شىركەت 9 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تۈر مەبلىغىنى ئورۇنداپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇ كۈنى، يەنە «دۇنيا ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ئىقتىساد مۇنبىرى»، «30 - نۆۋەتلىك غەربىي شىمال ساياھەت رايونى ھەمكارلىشىش يىغىنى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمىدە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تۇتقا، كۆرگەزمە ۋە سودا يادرو، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت ساياھەت مەھسۇلات - تۈر سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش، شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى داڭلىق قار - مۇز ساياھەت ئورنى ھەم دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش چۆرىدىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تۆت پەسىللىك تەكشى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. پائالىيەت 2019 - يىلى 11 - ئايدىن 2020 - يىلى 3 - ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئىككى جاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش شەكلى قوللىنىلىپ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 12 شۆبە مەيدان تەسىس قىلىنىپ، «شىنجاڭ قىش پەسىللىك مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ شادلىق پەسلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇش ئارقىلىق، كەڭ ئامما ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئورتاق شادلىنىدىغان، تەسىرىنى كېڭەيتىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ