مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارباغاتاي ۋىلايىتى: دىققەتنى ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

2019.11.28 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ تىڭ، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ پېيچى

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى «2 + 8» مەخسۇس تۈزەش، «3 + 3 + 1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەتتە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارايدىغان، زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 266نى بايقاپ، 153 كىشىنى جازالاپ، مەخسۇس تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشتا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  «ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبارسىز قاراش، زىيان يەتكۈزۈشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم 11 نەپەر ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ ئىش تەقسىماتى مەسئۇلىيىتىنى مەخسۇس ئايدىڭلاشتۇردى، ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتتى، 18 فۇنكسىيەلىك ئورۇن (تارماق)، يەتتە ناھىيە(شەھەر) بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، كەسىپ سىستېمىسى بويىچە توغرا يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولۇپ، باشلامچى تارماقلار قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى خىزمەت ۋەزىيىتىنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئايقىن قۇمار.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەشتە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈزەش مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۈچ جەھەتتىكى 99 مەسىلىگە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مائارىپ - داۋالاش، مۇھىت ئاسراش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناتوغرا ئىستىل، «ئۇششاق چىرىكلىك» مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان.

  مائارىپ ساھەسىدە، «ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى» جەھەتتىكى 79 مەسىلە تەكشۈرۈپ تېپىلىپ، بىرمۇبىر تۈزىتىلدى؛ داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدە، 203 بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى تەكشۈرۈلۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپپاراتتىن 39ى بىر تەرەپ قىلىندى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن 15ى ۋاقتىنچە توختىتىلدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن بىرى بىكار قىلىندى، بىر ئاپپاراتقا مەمۇرىي جەھەتتىن جەرىمانە قويۇلدى، 16 ئاپپاراتنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۇتۇپ قېلىندى؛ يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى ساھەسىدە، مەكتەپ ھەم ئەتراپتىكى يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلاردىن 2913 ئورۇن(قېتىم)، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى ھەم داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن 643 ئورۇن(قېتىم)، دۇكانلاردىن 322سى تەكشۈرۈلۈپ، 53 دېلو تۇرغۇزۇلدى، جەرىمانە - مۇسادىرە پۇلى 264 مىڭ 100 يۈەن بولدى؛ كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ساھەسىدە، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)دىكى ئىلگىرىكى يىللاردا تەقسىم قىلىنىپ كۆچۈپ كىرگەن 12 مىڭ ئائىلىگە قارىتا ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈلۈپ، مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 29ى بايقالدى، بىرمۇبىر تەكشۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ يېزا ئەمىن ئۆيىدىن 2715 ئائىلىلىك يېڭىدىن سېلىندى، 356 ئۆيى يوق، خەتەرلىك ئۆيى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيى تولۇق پۈتتى، 1495 ئائىلىدىكى 5733 كىشىنى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ۋەزىپە پۈتۈنلەي تاماملاندى.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئايرىم جايلارنىڭ ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەرنىڭ پەرۋىش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىشى ئەمەلىيلەشمەسلىك، بەزى جايلاردا ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پەرۋىش ياردەم تولۇقلىمىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەرگە قارىتا، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، باج ئىشلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە خادىملارنى توپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، تەڭ بېجىرىش»نى تېز ئىشقا ئاشۇردى.

  تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولدى، ئامما مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ كۇرە يېزىسى قارا سۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى خاسىيەت مۇرات ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن دەل مەخسۇس تۈزەشتىن نەپ ئالغۇچى، ھازىر ھەر ئايدا مېيىپلەر پەرۋىش ياردەم پۇل مەبلىغى ئالالايمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت، بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ