مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2019.11.28 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 2019 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققى جەھەتتىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 2019 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، چاغاندىن بۇرۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇش، چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، دەل جايىدا كۈچەش، دېلو بولسا جەزمەن تەكشۈرۈش، نېسى قالغانلىرىنى جەزمەن تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك؛ يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تېگى - تەكتى ئېنىق بولۇش، ئەھۋالى ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشىغا «قىلچە يول قويماي»، قانۇن - نىزام بويىچە جازالىشى كېرەك؛ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشى، ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بىلەن ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ