مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.11.28 15:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۆھرەت زاكىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

  مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چېڭبېي سانائەت باغچە رايونىدا يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر بىر - بىرلەپ بارلىققا كېلىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. شىنجاڭ ئەيسىفېن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ جىنشاۋ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىدە شۆھرەت زاكىر كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بولۇپمۇ قىسمەنلىرىنىڭ نامرات ئائىلە ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقىم كىرىمى بارلىقىنى، نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە چوڭقۇر پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.

  ئالغا بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە، قارا مور كەسپى كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەنت مېھرىگىياھ، مايمۇنباش موگۇ، شياڭگۇ، شيۇجىنگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغلارنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى ھەم يېزا - كەنت ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، قارا مور ئۈزۈش قاتارلىق دېھقان ئائىلىسى ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. شۆھرەت زاكىر زەمبۇرۇغ خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخى، مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىغا كىرىپ، مورنىڭ تېرىلىش، سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قارامور ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كىرىمى، تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشى، ئۆلچەملىك تېرىقچىلىق قىلىشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، خاس يېزا ئىگىلىكى، خاس كەسىپ ۋە خاس ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسى ياركۆۋرۈك كەنتىدىكى ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسىدە، شۆھرەت زاكىر نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلاشتى. ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالە ئازىمخان نىياز شۆھرەت زاكىرغا مۇنداق دېدى: ئېرىم سىرتقا چىقىپ پاختا تەرسە، بىر كۈندە 150 نەچچە يۈەن تاپالايدۇ، ئۆيىمىزدە تۆت كالا بار، يەنە بىر كۆكتات پارنىكىمىز بار، ئىككى بالىمىز مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، نەتىجىسى يامان ئەمەس، ھازىر كۈنلىرىمىز بالدىنمۇ تاتلىق. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى، يەنە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، بالدۇرراق تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈڭلار.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تاماملاش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ