مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولدى

2019.11.27 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 21-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد ۋە 2-چوڭ شەھەر جىددىدە زىيارەتتە بولۇپ، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋەزىيىتى، مىللەت، دىن سىياسىتى، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا كەڭ پىكىر ئالماشتۇردى.

  زىيارەت مەزگىلىدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ياشلار دۇنياسى ئىتتىپاقى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات مىنىستىرلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستانى-فايسال دىپلوماتىيە تەتقىقات ئورنى، ھەر مىللەت چياۋمىن قېرىنداشلار، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاخباراتچىلىرى قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سۆھبەت جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن 2016- يىلىغىچە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى)نى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى، روھىغا زور زىيان يەتكۈزدى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈز بەرمىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى يەنە شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي سىجىل مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى مەركىزى قۇرۇش، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ نەتىجىنىڭ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ چەت ئەلدىكى سىياسىي ئەربابلار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك (گۇرۇپپا) نى شىنجاڭدا نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، دۇنياغا ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكى ئالتە كىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قاتار ۋە كۇۋەيتنى زىيارەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ