مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى

2019.11.27 13:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېنخۇا، خاۋ جىڭ

  11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يەنجى 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا ۋاقتىدا، مەكتەپ رادىيوسىدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتا كۈندىلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئاڭلىتىلدى، ساۋاقداشلار يەنە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەشۋىقات قوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ پەقەت بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرى بويىچە چوڭ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ بىر جانلىق كۆرۈنۈشى ئىدى.

  2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلار «3 + 3 + 1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىپ، پەرقلەرنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى باش تېما تەربىيەسىدە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىلگەن ھامان تۈزەتتى، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەتتى. «كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا دىياگنوز قويۇش، باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلام شىپاخانىلىرى دورا ئىچىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىگىلەش»تىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» بويىچە ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاغرىقلارنى بايقاش، ھەقسىز دورا بىلەن داۋالاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرىكەتچان ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، كۆپ خىل دورىغا چىداملىق ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاش، ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13 تۈرلۈك ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

  تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرىنى بىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرى، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىن 300 مىڭ پارچىنى تەييارلاپ ھەم بېسىپ، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارغا تارقىتىپ بەردى؛ مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئائىلە باشلىقلىرىغا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى ھەم كەسپىي خادىملارنى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىگە بېرىپ مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشكە ئاجرىتىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.

  ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىپ داۋالاش، يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە بولمىغان ئاغرىقلارنى «مەركەزلەشتۈرۈپ دورا ئىچكۈزۈش + ئوزۇقلۇق ناشتىلىقى»دەك ئۆيدە داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق، بايىنغولىن ئوبلاستى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، يۇقۇملانغان ئاغرىقلار سانى، مۇسبەت يۇقۇملۇق ئاغرىقلار سانى، دوكلات قىلىنغان ئاغرىقلار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  قومۇل شەھىرى باش تېما تەربىيەسىدە شەھەر، رايون (ناھىيە)، يېزا (بازار، كوچا)، كەنت (مەھەللە)تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تورى بەرپا قىلىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق داۋالاش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەم قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. پۈتۈن شەھەردە 86 «مەركەزلەشتۈرۈپ دورا ئىچكۈزۈش + ئوزۇقلۇق ناشتىلىقى نۇقتىسى» قۇرۇپ، ئادەتتىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتا ناھىيەدىن چىقماسلىق نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش نىسبىتى %97.48كە، مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاش نىسبىتى %94.07كە يەتتى.

  قومۇل شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سائادەت ئەمەت مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق <3 + 3 + 1> خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ