شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» شەرق شامىلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقماقتا. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەر ھازىر ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلاردا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، سانجىدىن ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە جەمئىي 2035.73 توننا بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 5 مىليون دوللاردىن ئاشقان.
شىنجاڭ داڭلىق «مېۋە - چېۋە ماكانى»، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى يېتەرلىك بولغانلىقتىن بۇ جاينىڭ مېۋىلىرى شىرنىلىك، تاتلىق بولۇشتەك ئېسىل سۈپەتنى ھازىرلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ مېۋىچىلىك كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ دەرىجىسى ئۆستى، ئالاقىدار كارخانىلار لىنىيە بويىدىكى بازارلارنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرنى چەت ئەللەرگە چىقاردى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاموژنا ئېكسپورت قىلغان مېۋىلەرنىڭ پەرۋىش قىلىش، دورا ئىشلىتىش، پىششىقلاپ ئوراش - قاچىلاش ھالقىلىرىدا ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، تاموژنا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خادىملىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆستۈرۈشتىن تارتىپ ئۈزۈشكىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىكەن ھەمدە ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مېۋىلەرنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
«چەت ئەل بازىرىنى ئېچىشتا پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنىڭ سۈپىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، ھازىر ساھەدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى ئىشەنچىسى بار» دېدى شىنجاڭ كېچۇاڭ مېۋە ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى نيۇ شۇسېن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ