مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

16 مىليون 320 مىڭ مو ئوتلاق تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

ئۈرۈمچىدىكى ئوتلاقلارنىڭ كۆركەملىك دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى

2019.11.27 13:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز سۇ لۇپىڭ، چاۋ جىن، يۈ مېڭرەننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (باغ - ئورمانچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئەتراپىدىكى ئوتلاقلاردا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، تەبىئىي ئوتلاقلاردا چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 16 مىليون 320 مىڭ مو ئوتلاق تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

  ئۈرۈمچىدىكى يازدا سالقىنداش، ئەتىياز، كۈزدە مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، قىشتا قار تېيىلىشتىكى ياخشى مەنزىلگاھ تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپ ساندىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى نەنسەننى ئويلايدۇ. نەنسەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن كەلگەن.

  ئىلگىرىكى يىللاردا، ئۇزاق مەزگىل نورمىدىن ئارتۇق چارۋا بېقىش، قالايمىقان قېزىش، قالايمىقان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىش، قۇملىشىش ۋەزىيىتى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە شەھەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

  «2003 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى <شەھەر ئەتراپىدىكى ئوتلاقلاردا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش>نى ئېلان قىلدى، 2004 - يىلىدىن باشلاپ، شەھەر ئەتراپىدىكى 165 مىڭ مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش يولغا قويۇلدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پونكىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فېڭ لىتاۋ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش رايونىنى بەلگىلەش، چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش بويىچە يەم - خەشەك ئېتىزى بەرپا قىلىش ۋە ئوتلاقنى قاشالاش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ناچارلىشىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇلدى، 2010 - يىلىغا كەلگەندە، شەھەر ئەتراپىدىكى چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان ئوتلاقلاردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر خېلى ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  2011 - يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 16 مىليون 320 مىڭ مو ئوتلاقنى مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش مېخانىزمىغا كىرگۈزۈپ، «پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، قوغداشقا سەل قاراش»تىن «ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيەنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»قا ئۆزگەرتتى.

  «50%كە يېقىن ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش يولغا قويۇلۇپ، قالغان چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان ئوتلاقلاردا ئوتلاق - چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.» فېڭ لىتاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان رايونلارنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا قارىتا سان چەكلىمىسىنى يولغا قويۇپ، كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بويىچە چارۋا بېقىپ، ئوتلاقنى دەم ئالدۇرۇپ ئوڭشىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار يەنە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوتلاق باشقۇرغۇچى، قوغدىغۇچى سەپلەپ، ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن - نىزام تەشۋىقاتىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ باردى؛ ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، سەييارە قوغداش، ئوت مەنبەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ ئوتلاقتىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ھەم ئوتلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان رايونلارنى سەييارە تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، شەھەر، ناھىيە (رايون)، يېزا - كەنت (مەيدان) ئۈچ دەرىجىلىك ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئوتلاقلىرىدىكى سۈپەتلىك ئوت - چۆپنىڭ تۈرى ھەم مىقدارى %20 ئاشقان، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى %157 ئاشقان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %166 ئاشقان، ئورمان، ئوتلاق رايونىنىڭ سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشى تۈپتىن تىزگىنلىنىپ، قۇم ئۇچۇش يۈزبېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

  فېڭ لىتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئوغرىلىقچە چارۋا بېقىش، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىدۇ؛ چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان ئوتلاقلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا يەتكەن ئوتلاقلاردا پىلانلىق ھالدا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ ئوتلاق ئېكولوگىيەسى مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجە - ئۈنۈمى بىلەن مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقى زىچ باغلانغان مەنپەئەتنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاقنى ئاڭلىق قوغداش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ