سىرلىق يايلاقتىكى تاش شەھەرگە كىرىش

2019.11.26 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر توپ تۆگە شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى «تۈمەن تۆگە باغچىسى»دا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يايلاقتىكى تاش شەھەر مەنزىرە رايونى شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيە بازىرىغا 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى ھەيۋەتلىك، گۈزەل گېئولوگىيەلىك مەنزىرىگە ئىگە. مەنزىرە رايونىدىكى تاغ ئومۇرتقىسى ۋە تاغ باغرىدا شەكلى غەلىتە گرانىت تاشلار بار، بۇ تاشلار ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق دېمەكتۇر» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ساياھەتچىلىكنى قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندۇردى. 2019- يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يايلاقتىكى تاش شەھەر مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر زور دەرىجىدە كۆپەيدى، 2019-يىلى 160 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ