شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2019.11.25 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك شەرق-غەرب بىرلەشمە سۇ زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈلگەن. قاراقاش ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ بىرى. 2019-يىلى قاراقاش ناھىيەسى يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش- ئۆستۈرۈش تۈرىدىن بەشنى يولغا قويغان، ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى يېزا سۇ زاۋۇتلىرىنى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئاساسلىق تۇرۇبا تورىنى كېڭەيتىش، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش ۋە مۇناسىپ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 260 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، بۇ، 12 يېزا-بازاردىكى 260 كەنتكە، 12 مىڭ 824 نامرات ئائىلە، 57 مىڭ 313 نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە چېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە بەش تۈرنىڭ ھەممىسى تاماملانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ