«قۇملۇقتىكى مەكتەپ» يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى

2019.11.21 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 18-كۈنى، بالىلار باغچىسىنىڭ يۇقىرى سىنىپىدىكى بالىلار مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىلىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولدا كېتىۋاتماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان. ئۇزۇاقتىن بۇيان، تەبىئىي مۇھىت قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك، شۇ جاينىڭ مائارىپ شارائىتى بىر قەدەر ناچار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دەريا بويى يېزىسىدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بىر يېڭى مەكتەپ قەد كۆتۈردى، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن 3-يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى، 4-يىللىقتىن 6- يىللىققىچە بولغان بالىلار كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. دەريا بويى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئېزىز توختىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپ بۇ يىل 9-ئايدا ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلۈشنى تاماملىغان. ھازىر يېڭى مەكتەپتە 59 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە 63 نەپەر يەسلى ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا سۇ، توك، يول، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ