مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى كۇۋەيتنى زىيارەت قىلدى

2019.11.21 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 19-نويابىردىن 20- نويابىرغىچە كۇۋەيتنى زىيارەت قىلىپ، كۇۋەيتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  كۇۋەيتنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى كۇۋەيت دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى، كۇۋەيت دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە «خەۋەر گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، يەنە كۇۋەيت داشۆسىدىكى تەتقىقاتچى ئالىملار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋەزىيىتى، مىللەت، دىن سىياسىتى، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سۆھبەت داۋامىدا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە قىسقا فىلىمىنى قويۇپ، تېررورلۇقنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زىيىنىنى پاش قىلدى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى كۈچلۈك يوقىتىپ، بەزى پايدىلىق تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ، ئىناق، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 17-نويابىردىن 18- نويابىرغىچە قاتاردا زىيارەتتە بولدى. كۇۋەيتتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ھەر ساھە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ