مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون 2020 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2019.11.20 16:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون 2020 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش سىن يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم بازا، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، چىقارغان ھۆججەتلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش» كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تىراژىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، گېزىت چىقىرىش، ژۇرنال چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىشى، ئوبيېكتلارنى تۇتۇپ قېلىشى؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەمئىيەت تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق مۇھىم ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلىشى؛ مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق گېزىت ئوقۇش ئىستونى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ