مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە قۇرۇلۇشى مۈلۈك باشقۇرۇشتىكى «چىگىش تۈگۈن»لەرنى يېشىشكە يېتەكچىلىك قىلدى

2019.11.20 16:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى مۈلۈك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى پائال ئالغا سىلجىتتى

  پارتىيە قۇرۇلۇشى مۈلۈك باشقۇرۇشتىكى «چىگىش تۈگۈن»لەرنى يېشىشكە يېتەكچىلىك قىلدى مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: يوللار تۈزلەندى، پاكىزلاندى، بىنالار ئاقارتىلىپ يېڭىلاندى، ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك توختىتىلدى، يەرگە كۆمۈش شەكلىدىكى ئەخلەت ساندۇقلىرى رەتلىك، ئۆلچەملىك بولدى... 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قۇبۇقسار بازىرى باينشىرگ مەھەللىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەھەللىدە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى يېتەكچىلىك قىلغان «مۈلۈك باشقۇرۇش + مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى»دىن ئىبارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئولتۇراق رايون بىرقانچە مەسئۇلىيەت رايونىغا ئايرىلىپ باشقۇرۇلۇۋېتىپتۇ، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە مۈلۈك مۇلازىمەت كارخانىسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا كىرگۈزۈلۈپتۇ، مۈلۈك مۇلازىمەت كارخانىسى بىلەن مۈلۈك ئىگىلىرى ۋەكىللىرى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئولتۇراق رايوندىكى «كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلىلەر»نى ئورتاق ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپتۇ.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ساھە مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى ۋەزىيەتتە مۈلۈك باشقۇرۇش جەھەتتە ئىزدىنىشتىكى يېڭى ئەندىزە، يېڭى يول، قۇبۇقسار شۇ جايدىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆرنەك قىلغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

  11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ قۇبۇقساردا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مۈلۈك باشقۇرۇشتىكى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئاھالىلەر، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مۈلۈك باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن.

  مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاھالىلەر كومىتېتى، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى، مۈلۈك مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى «قوش يۆنىلىشتە يۇغۇرۇش، گىرەلەشتۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش» ئارقىلىق، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق مۈلۈك ئىگىلىرى، مۈلۈك مۇلازىمەت كارخانىسى، مەھەللە ئارىسىدىكى ئىشەنچنى قايتا تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئىشلارنى كېڭىشىدىغان بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولى روشەن، ساھە باشقۇرۇش تېخىمۇ ئىنچىكە، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئازادە، ئىناق بولغان مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۈلۈك باشقۇرۇش ئاپپاراتى بار ئولتۇراق رايون 6637، غەيرىي ئولتۇراق رايون 675، ئولتۇراق رايوندا قۇرۇلغان مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى 1571، غەيرىي ئولتۇراق رايوندا قۇرۇلغان مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى 77، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ۋاكالىتەن ئۆتەۋاتقان ئولتۇراق رايون 1088، مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرى ئولتۇراق رايون تۈر بۆلۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ قۇرغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى 163.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر - بازارلاردا ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيى قىس، كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، كەڭ ئاممىنىڭ ئولتۇراق ئۆي جەھەتتىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىسى نوقۇل قاتتىق ئېھتىياجدىن ياخشىلاش تىپىدىكى ئېھتىياجغا ئۆزگىرىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. «بۇ بىزدىن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىپ، ئۆي ۋە ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، كۆكەرتىش، ئاسراش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكىلىك بىلەن جايىدا ئىشلەپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەقىقىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى لىنيۈ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى جايلاردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۈلۈك مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى پارتىيە خىزمىتىنى ئاھالىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىشقا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ