مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.11.20 16:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم «قىشلىق ھۇجۇم» سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

  نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم «قىشلىق ھۇجۇم» سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم «قىشلىق ھۇجۇم» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇرۇش گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ھەل قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك سۇپا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم تۇتقا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «قىشلىق ھۇجۇم»نى تۇتقا قىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تېگى - تەكتىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تۇتۇشتا، ئاساسلىقى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، پەرقلەندۈرۈش دەل جايىدا بولۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش دەل جايىدا بولۇش، چېكىندۈرۈش دەل جايىدا بولۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ دەل جايىدا بولۇش»، ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتىدىن ئىبارەت «ئۈچ كاپالەت» ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى تۇتۇشتا، ئادەمگە قاراپ دەل جايىدا تەربىيە بېرىپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرى ۋە نامرات ئاممىنى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى زېرەك كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەش، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى زېرەك كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا، مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش، تۈر پىلانغا ئەگىشىپ مېڭىش، پىلان ئېھتىياجغا ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، تۈر تىزىملىكىنى بالدۇر پىلانلاپ، رەتلەپ، تۈرنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى تۇتۇشتا، باش تېما تەربىيەسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە مەركەزنىڭ مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك قايتما ئىنكاس قىلىنغان ۋە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆزى تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى بايقىشى ۋە ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم «قىشلىق ھۇجۇم»دا ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ