مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 71 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى دائىمىي كومىتېت 13 - يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

2019.11.20 16:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 71 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى دائىمىي كومىتېت 13 - يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 71 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى دائىمىي كومىتېت 13 - يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 - يىغىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلىدۇ، ئۆگىنىلىدۇ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گېئو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)» تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۇنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق بەش يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»غا قاراپ چىقىلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا، تۈزىتىشكە سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت تازىلىقى نىزامى»، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلىنى قوغداش نىزامى»، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇش نىزامى»، قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قومۇل شەھىرىنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپى تەكشۈرۈلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2018 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى، 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەۋالىرى تەپتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مىللەت - دىن - تاشقى ئىشلار - خۇاچياۋلار كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى، تەنقىدى، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى، تەنقىدى، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ