مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭدىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئومۇمىي يىغىندىدىن ئېشىپ كەتتى

2019.11.20 15:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.68 ئاشتى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانىدا «شىددەتلىك» ئېشىش كۆرۈلدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن جەمئىي 5743نى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.68 ئاشقان، سانى بۇلتۇرقى ئومۇمىي يىغىندىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» قاتارلىق 16 لىنىيە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئاساسلىقى ليەنيۈنگاڭ، جېڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن كېلىدۇ، چېگرادىن كىرىدىغان نۆۋەتچى پويىزلار ئاساسلىقى گېرمانىيە، پولشا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدۇ. ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇلتۇرقى ئوندىن 14كە كۆپەيدى، قاتناش قېتىم سانىمۇ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە - يەتتە نۆۋەتتىن كۈنىگە توققۇز نۆۋەتكە كۆپەيدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغان مالنىڭ تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. دەسلەپكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىقلاردىن ماشىنىسازلىق بۇيۇملىرى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك قاتارلىق 200 نەچچە تۈرگە كېڭەيدى، جۇڭگو شىنجاڭدىن چىقىدىغان شوخلا قىيامىمۇ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئىتالىيەگە توشۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قايتىشتىكى مال قاچىلاش نىسبىتىمۇ مۇقىم ئېشىپ، 2014 - يىلىدىكى %9.1تىن ھازىرقى %73كە يەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى + چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا» خەلقئارا سودا تىرانسپورتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتى، «سەينياۋ ناملىق» «جىڭدۇڭ ناملىق» «شۈنفېڭ ناملىق» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس پويىزلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «تاموژنا E ئەشيا ئوبوروتى» لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تاموژنىنىڭ نۆۋەتچى پويىزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرلىكىنى «پويىز»دىن «ۋاگون»غا ئۆزگەرتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى يىغىش، مالنى يىغىش - توپلاش، قۇرۇق ساندۇقنى ئېغىر ساندۇققا ئالماشتۇرۇش، ئىچكى - تاشقى سودا ماللىرىنى بىر پويىزدا توشۇش قاتارلىقلاردا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئەڭ دەسلەپكى 24 سائەتتىن 14 سائەت ئىچىگە قىسقاردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ