لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى

2019.11.18 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: يولۇچىلار 16-نويابىر ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قاتنايدىغان D8804 قېتىملىق ئوق پويىزغا چىقىشقا تەييارلاندى.

  شۇ كۈنى، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلانغانلىقىغا بەش يىل بولدى. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە 30 مىليون 750 مىڭ يولۇچى بىخەتەر توشۇلۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يولۇچىلارنىڭ قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. نۆۋەتتە ھەر كۈنى لەنجۇ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى پويىزلار ئەڭ دەسلەپكى 6.5 جۈپتىن 43 جۈپكە كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى تېز سۈرئەتلىك پويىزدىن 15 جۈپى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ