مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى جاي دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتە 3- تۈركۈمدىكى شەھەر-ناھىيەلەر قاتارىغا كىردى

2019.11.18 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە 84 شەھەر ۋە ناھىيەنىڭ باھالاش تەلىپىگە يېتىپ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتە 3- تۈركۈمدىكى شەھەر ۋە ناھىيە دەپ نام بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن توققۇزتارا ۋە بۇرچىندىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە تاللانغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 46 كىلومېتىرلىق ئارقا تار كوچا ۋە يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، 31 كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %44كە يەتكۈزۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن «دۆلەت باغ-ئورمانچىلىق ناھىيە بازىرى»، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز شەھەر» ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك ناھىيە» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

  «بۇرچىن ناھىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل ئالتاي قۇرۇشتا ياخشى باشلامچى بولدى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات»تا چىڭ تۇرۇپ، «ناھىيەنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق قۇرۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ناھىيەدىكى 68 مەمۇرىي كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ ۋە مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. قابا ناھىيەسى تىرىشىپ،2020- يىلىغا بارغاندادۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلماقچى بولدى. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئالتە ناھىيە ۋە بىر شەھەرنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى شەھەر-ناھىيە بەرپا قىلماقچى بولدى.

  دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى شەھەر-ناھىيەلەر دۆلەت ئېكولوگىيەلىك شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»، شۇنداقلا شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىدۇر. 2017- يىلىدىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئىككى تۈركۈمدە دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى شەھەر-ناھىيەلەردىن 91ىگە، «سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر» دېگەن ئاڭنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدايېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسەتكەن 29 بازىغا نام بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى شەھەر-ناھىيەلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ شۇنداق نامغا ئېرىشكەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ