خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، مۇپەتتىش باشلىقى جىن خۇ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
جىن خۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
جىن خۇ، ئەر، خەنزۇ، 1968- يىل 8- ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يۈجۇڭ ناھىيەسىدىن، 1989- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1991- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ