«جۇڭگو پاختا شەھىرى» شىنجاڭ ئاۋاتقا نەزەر

2019.10.31 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى لايداڭ كەنتىدە، بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە پاختا تەرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باقمىچىلىق قوشۇمچە كەسىپلىرى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ناھىيەسى بولۇپ، پاختا بۇ ناھىيە نۇقتىلىق يېتىشتۈرگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان كەسىپ، شۇنداقلا ئەۋزەل بايلىق. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ كېۋەز تېرىش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى، شىنجاڭ رايونىدىكى ئەسلىي ئۇرۇق بازىسى ۋە كېۋەزنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، «جۇڭگو پاختا شەھىرى»، «جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى» دەپ ئاتالغان.

  ئاۋات ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى، تالاسى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە تالانىڭ چىدامچانلىقى يۇقىرى، رەڭگى ياخشى، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى يىپ ئېگىرىش ۋە ئالاھىدە توقۇمىچىلىق سانائىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىلى ناھىيە بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 470 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تالالىق كېۋەز 620 مىڭ مودىن ئاشتى. ناھىيە بويىچە پاختا ئايرىش كارخانىسى 24 كە، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسى ئۈچكە، پاختا توقۇمىچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى 378 مىڭ ئۇرچۇققا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ