شىنجاڭ: چىلانلار دېھقانلارنى باي قىلدى

2019.10.31 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، چاقىلىق ناھىيىسى ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانچى چېن شياۋمىڭ ھويلىسىدا چىلانلارنى ئاپتاپقا سالدى.

  يېقىندا شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان چاقىلىق ناھىيىسىدە چىلاندىن كەڭ كۆلەمدە مول ھوسۇل ئېلىندى. چاقىلىق ناھىيىسى بولسا، ئېلىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئۇ جاينىڭ چىلانلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقى چىقىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 2019 ـ يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە تېرىلغان چىلانلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمىنى 233 مىڭ 800 موغا، تاماملانغانلىقى ئىسپات بېرىلگەن يېشىل چىلانلار بازىسى 100 مىڭ موغا، ئورگانىك چىلانلار بازىسى 100 مىڭ موغا يەتتى. چىلانچىلىق كەسپىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، بۇ ناھىيىدىكى چىلانچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ