مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

10- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى ئاخىرلاشتى

نەق مەيدان سودا سوممىسى 803 مىليون يۈەن بولدى

2019.10.30 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، 10- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى بېيجىڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسىدا ئاياغلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىستېمالچى ۋە سېتىۋېلىش سودىگىرى جەلپ قىلىنىپ، نەق مەيداندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان سودا ۋە مۇددىئا كېلىشىمى سوممىسى 1 مىليارد 377 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، نەق مەيداندىكى سودا سوممىسى 803 مىليون يۈەن بولۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە، «شىنجاڭ ياخشى جاي . خۇش پۇراق شىنجاڭ» باش تېما قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى كارخانىلار شىنجاڭنىڭ سەككىز چوڭ تۈردىكى 120 نەچچە خىل خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئېلىپ بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى ۋە سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى مول ھەم سۈپىتى ئىشەنچلىك بولۇپ، نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلار ۋە «ئىككى خىل مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم» بويىچە گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار %90تىن ئاشتى ھەم تۇنجى قېتىم بېيجىڭ سودا چەمبىرىكى، ئايروپورت، پوچتىخانا، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىق جايلاردا شۆبە يەرمەنكە مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، ئۈستى يېپىق ماشىنىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە بىۋاسىتە سېتىش مەركىزىدە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ تەرەپتىن ۋە كۆپ نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كارخانىلار توردا ئالقىشلانغانلارنى تەكلىپ قىلىپ دوۋيىن قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە پائال ماسلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئوبرازى ئۆستۈرۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە يەنە ئەڭ ياخشى تەشكىللەش مۇكاپاتىدىن توققۇزى ۋە مەھسۇلات ئالتۇن مۇكاپاتىدىن 60ى باھالاپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ