مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون دۆلەت مۈلكىنىڭ «تېگى-تەكتى»نى ئاشكارىلىدى

2019.10.29 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «2018- يىللىق ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»ىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان. «دوكلات»تا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت مۈلكىنىڭ «تېگى-تەكتى» ئاشكارىلانغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خەلقىگە ئومۇمىي دۆلەت مۈلكىدىن «ئېنىق ھېسابات» بېرىلگەن.

  «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى ئومۇمىي سوممىسى 37 مىليارد 121 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 17 مىليارد 350 مىليون يۈەن، مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 36 مىليون يۈەن، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 735 مىليون يۈەن ئىكەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىققا ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمى 13 مىليون 712 مىڭ 600 گېكتار، تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 61 مىليون 582 مىڭ 400 گېكتار، دەريا-ئېقىن سۇلۇق يېرى، كۆل سۇلۇق يېرى، سازلىق سۇلۇق يېرى ۋە سۈنئىي سۇلۇق يەردىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى سۇلۇق يەر كۆلىمى 3 مىليون 948 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، ئۆزىدىن چىقىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى 83 مىليارد 270 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن.«دوكلات»تا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان. كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى كۆپ، ئىككى ئاز» بولۇشتەك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ، مۇھىم ۋە زور ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى +» خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ يۈرۈشۈش-تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشىنىڭ تۈزۈملىشىشى ۋە قېلىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاشكارا ۋە ئېنىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاشكارا ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشتا ۋە دۆلەت مۈلكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ