شىنجاڭ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى يېقىشلىق

2019.10.28 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەلئىچى سەنئەتكارلىرى ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ئويۇن قويماقتا.

  ھازىر شىنجاڭ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى يېقىشلىق بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزگىچە مەنزىرە ۋە ئەنئەنىنى ھېس قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى «غەربىي يۇرتتىكى سىرلىق ماكان − دولان يۇرتى» ئوبرازىنى چۆرىدەپ مىللىي ئۆزگىچە بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، دولان ناخشا-ئۇسسۇلى، دولان يېمەك- ئىچمەكلىرى، دولان ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىنى شەكىللەندۈرۈپ، دولان ماركىسىنى يارىتىپ، يەرلىك ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ