مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرچە تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى ھەققىدە خەۋەر يوق

2019.10.28 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 27- چېسلا سائەت 13 تىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسىدا 5.0 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى ھەققىدە دوكلات يوق.

  شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە 34 كىلومېتىر، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرىگە 121 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 778 كىلومېتىر كېلىدىكەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدىكى جايلار دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2263 مېتىر كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە كەنت يوق.

  يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق ھۆكۈمەت يەر تەۋرىگەندە كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە جايلاردىكى كادىرلار يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، نۆۋەتتە، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا دوكلات يوق.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك چوڭ ئەترىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ج خ ئىدارىسى ساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئامانلىق ئەھۋالىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماقلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەر تەۋرەشتە قۇتقۇزۇش قىلىدىغان ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوموبىللارغا قاچىلاپ، ھەر ۋاقىت نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈپ تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ