مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 20دىن ئارتۇق كارخانا ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

2019.10.24 16:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 26- نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن 20دىن ئارتۇق كارخانا 100خىلغا يېقىن مەھسۇلاتنى ئېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ 2012- يىلى تۇنجى قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور، كۆرگەزمە شەكلى ئەڭ مول بولغان بىر قېتىملىق قاتنىشىشى.

  بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە «يېڭى يېزا ئىگىلىكى، يېڭى يېزا، يېڭى دېھقان» باش تېما قىلىندى. بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسى قاتارلىق يەتتە مەخسۇس تېمىدىكى كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ، ئەمەلىي بۇيۇم، سۈرەت، ئۈن - سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز يېتىشتۈرۈش، خاس باغۋەنچىلىك - تېرىقچىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئورۇنلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇپ، كۆپلىگەن ئېكسكۇرسىيەچىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

  ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى بولۇپ، 25 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى ئالاقىدار كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ياكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە داڭلىق، ئەلا ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆرگەزمە قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇرلىرى ۋە پەن - تېخنىكىنى قوللىنىش، ئېچىش، كېڭەيتىش يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دېھقانلارنىڭ سىجىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ