مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇمىي مەنپەئەتدار مائارىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يولىنى بارغانسېرى «كېڭەيتتى»

2019.10.24 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن جې

  بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئالمىرە قاھار ھازىر سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن قوڭغۇراقلىق سائەتنى يېرىم سائەت ئالدىغا سۈرۈپ قويىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن، مەن بۇ يېرىم سائەتتىن پايدىلىنىپ تېكىستلەرنى ئالدىن تەكرار قىلىشنى ئويلىدىم.» باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن، 12 ياشلىق ئالمىرەنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا بېرىپ ئوقۇشتەك يېڭى نىشانى بار بولدى.

  ئۆتۈپ كەتكەن بۇ يازلىق تەتىلدە، ئۇ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسى چۈشۈرگە كەنتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەيگە بېرىپ يازلىق لاگېرغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. «ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە بېرىش، بۇ بىزنىڭ كەنتتە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان.» 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا تۇرغاندا، ئالمىرە بىرمەھەل سەل جىددىيلەشتى. بىراق ناھايىتى تېزلا، ئۇ بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. كىنوخانا، پەن - تېخنىكا سارىيى، مۇزېيغا باردى... قىسقىغىنا بىر ھەپتىدە ئالمىرە كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن رەڭدارلىقنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى.

  ئالمىرەنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە تۈرتكە بولغىنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى. مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2016- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر 8 مىليارد 367 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاساس مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىشلەتتى.

  ئالمىرەنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا شاڭخەي سەپىرىنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر چەتتە تۇرغان چۈشۈرگە كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۈلزار ھۈسىيىن ئىنتايىن ھەۋەس قىلدى. 23 ياشلىق گۈلزار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى ئوقۇش يولى كۆپ جاپالىق ئىدى، بۇنداق «راھەت - پاراغەتلىك» پۇرسەتتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.

  ئىلگىرى، چۈشۈرگە كەنتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئەسلىھەلىرىنىڭ «ئاساس»ى ناچار بولۇپ، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ھەم نامرات، ھەم قالاق ئىدى. «بىزنىڭ سىنىپ بىر كونا كېسەك ئۆي ئىدى. يامغۇرلۇق كۈنلەردە، سىنىپقا يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، بىز ئامالسىز بىر يانغا قىستىلىشىپ داۋاملىق دەرس ئاڭلايتتۇق» دېدى گۈلزار.

  ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «يول يىراق بولغاچقا، كەنتىمىزگە كېلىشنى خالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئەينى چاغدا پۈتۈن مەكتەپتە پەقەت ئالتە مۇئەللىملا بار ئىدى، بىر ئادەم ئۈچ يىللىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرسىنى ئۆتەتتى».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر قاتارلىق كۆپلىگەن كۈچلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە(شەھەر)لەرگە توپلىنىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىشىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، يەرلىكنىڭ ئاساسىي مائارىپى ئاجىز بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە مائارىپ مىنىستىرلىقى يولغا قويغان 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» قاتارلىقلار ئارقىلىق يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ئۈچ قەۋەتلىك كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە يەسلىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى چۈشۈرگە كەنتىدىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت بولۇپ قالدى، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى قاتتىقلاشتۇرۇلغان ئۆستەڭنىڭ ئەتراپىغىمۇ رېشاتكا ئورنىتىلدى. ھازىر ئالمىرە مەكتەپكە بارىدىغان يولدا ئەمدى چاڭ - توزان كۆتۈرۈلمەيدۇ، ھەر كۈنى چۈشتە يەنە مەكتەپتە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يېيەلەيدۇ.

  «مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ ئۈزلۈكسىز زورايدى، بالىلارنىڭ ئوقۇش يولى بارغانسېرى <كېڭەيدى>» دېدى چۈشۈرگە كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىلى ئۈچ يىلغا يېقىن بولغان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاۋ چېڭچياڭ.

  كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتقاندىن كېيىن، چۈشۈرگە كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھازىر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە كىردى. تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، شىنجاڭدا 2018- يىلى يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %95.95 كە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91كە يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئاساس مائارىپ ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى.

  «كەلگۈسىدە ئىچكىرى رايونلاردىكى چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇپ، مۇئەللىملىرىمگە ئوخشاش، بىلىمنى كەنتكە ئېلىپ كەلگۈم بار» دېدى ئالمىرە.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ