مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

2019.10.24 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى «چۇڭچىڭ - ئۈرۈمچى - دۇئىسبۇرگ» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش شۇنداقلا «ئۈرۈمچى - روتتېردام» بىخەتەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا سىناق نۆۋەتچى پويىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى. شىنجاڭ مېيخۇا ئامىنو كىسلاتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئېغىرلىقى 42 توننا، مال قىممىتى تەخمىنەن 40 مىڭ دوللارلىق L- لىزىن ئامىنو كىسلاتا تۇزى(يەم - خەشەك دەرىجىلىك) بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزغا قاچىلىنىپ گوللاندىيەنىڭ روتتېردامغا ئەۋەتىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 41 گۇرۇپپا كونتېينېرنى ئېلىپ چۇڭچىڭدىن يولغا چىققان، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى گۇرۇپپا بىخەتەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا سىنىقى كونتېينېرى قوشۇلۇپ بىرلىكتە ياۋروپاغا ماڭدۇرۇلدى.

  يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش ئەندىزىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. تاموژنىنىڭ نۆۋەتچى پويىزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرلىكى «پويىز»دىن «ۋاگون»غا ئۆزگەرتىلىپ، شۇ ئارقىلىق نۆۋەتچى پويىزلارنى يىغىش، يۈكلەرنى مەركەزلىك توپلاش، ئىچكى - تاشقى سودا ماللىرىنى بىر پويىزدا توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تۆمۈريولدا تاموژنىغا يوللاش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، (جۇڭگو - ياۋروپا)غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ئەندىزە ئۈرۈمچىنى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ «ئۆتكۈنچى يولى»دىن «يىغىلىش مەركىزى»گە ئۆزگەرتىدۇ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئومۇمىي مۇساپىدىكى بىۋاسىتە بېرىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ۋاگونلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ۋاكالەت نومۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  «بىخەتەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا»نىڭ تولۇق ئاتىلىشى جۇڭگو - ياۋروپا بىخەتەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا قاتنىشى لىنىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پىلانى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتىنىڭ «پۈتۈن يەر شارى سودىسىنىڭ بىخەتەر ۋە قولايلىق ئۆلچەم رامكىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئۈلگىلىك تۈر. بۇ قېتىمقى «بىخەتەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا» سىنىقىدا شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلار تاللاپ ئىشلىتىلدى. «بىخەتەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتناشقان كارخانىلار مۇددەتتىن بۇرۇن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تالوننى ئالدىن تەكشۈرۈش، مال تەكشۈرۈش ۋە ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئالدىن بېجىرىش قاتارلىق قولايلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ