مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%21 ئاشتى

2019.10.24 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، گەرچە يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا 110 مىليارد 450 مىليون يۈەنلىك ئومۇمىي قىممەت ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشقان.

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ 82 مىليارد 330 مىليون يۈەن ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشقان؛ ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.3 ئاشقان؛ ئىمپورت نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %19تىن %25.5كە ئۆرلىگەن. 9- ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 22 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدە يىل ئىچىدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا شەكلىنىڭ تېخىمۇ ئەلالاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %33.8ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. ئادەتتىكى سودا چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسىغا نىسبەتەن تېخىمۇ قېلىپلىشىپ، يەرلىك تاشقى سودا سۇبيېكتىنىڭ ئەمەلىي سودا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن، شۇنداقلا رايون سودىسىنىڭ پۇختا ئاساسى ۋە سودا كۈچلۈك رايونىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسى بولغان.

  قازاقىستان يەنىلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىدىكى ئاساسلىق سودا ھەمراھ دۆلىتىنىڭ باش ئورنىدا تۇرغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 51 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئېشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %46.5ىنى ئىگىلىگەن. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېشىش بولغان.

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 81 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %73.5ىنى ئىگىلىگەن؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.1 ئېشىپ، %25.6نى ئىگىلىگەن. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

  ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ 22 مىليارد 190 مىليون يۈەنلىك ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.5 ئاشقان؛ جەمئىي 42 مىليارد 60 مىليون يۈەنلىك كىيىم - كېچەك، توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشقان؛ 4 مىليارد 620 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ