مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈچنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك

2019.10.24 16:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ھەم تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

  كۈچنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ھەم تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ساغلام، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قېيىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيەت زور، ۋەزىپە مۈشكۈل. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئۇرغۇتۇلغان خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى تۇتۇش جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق بۇرچنى يېتەكلەپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بارلىق خادىملارنى قاپلاشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈندىلىك خىزمەتلەر بىلەن يۇغۇرۇش، دائىم قاتتىق تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ۋە تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشتىن - ئاخىر مەسىلىگە ئاتلىنىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھەم گەۋدىلىك، ھەم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ - تەكشۈرۈپ، ئىدىيە قاتلىمى ۋە خىزمەت قاتلىمىدىن ئىبارەت ئىككى مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى پۇختا، ياخشى ئېچىش كېرەك. تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، رەھبەرلىكنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پەرقلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى قاتتىق نازارەت قىلىش، ئەمەلىي يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر پارتكوم بەنزىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، قەتئىي سۆلەتۋازلىق قىلماي، يۈزەكى ئىش قىلماي، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. شىنجاڭ داشۆسى، كۈيتۈن شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بىڭتۇەن 1- شىسى ئارال شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي لى شىنمىڭ بىڭتۇەننىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، مانەن زەينەل، چېڭ جېنشەن، ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ