مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشلەمچىلىك قىلسا كىرىمگە ئىگە بولىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئاساس بولىدۇ

2019.10.24 16:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاتۇش كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى 1200 نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى

  ئىشلەمچىلىك قىلسا كىرىمگە ئىگە بولىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئاساس بولىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، خې لىڭ، جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق (كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت) كەسىپلەر باغچىسىدىكى گولىخۇا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈركىرەپ، 300دىن كۆپرەك خىزمەتچى كىيىم تىكىش ئۈسكۈنىسىدە پىششىق مەشغۇلات قىلىپ، ئاقما لىنىيە بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كىيىملەرنىڭ ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملىرىنى تىكىۋاتاتتى.

  گولىخۇا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گۇ مېييىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركەت ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكتىكى نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلدى. 300دىن كۆپرەك خىزمەتچى ئىچىدە ئۈچتىن بىرى نامرات ئاھالە.

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى دېھقانلار كەنتىدىكى نامرات ئاھالە گۈلنۇر ئابلا گولىخۇا شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىمۇ كۆپەيتتى.

  گۈلنۇرنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، 2018- يىلىدىن بۇرۇن، ئۇ بىر ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئاتا - ئانىسى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ئۇنىڭ ئاساسلىق «خىزمىتى» ئىكەن. ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، بىر ئائىلىدىكى يەتتە كىشىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى يەتتە مو يەردىكى ياڭاقلىققا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان بۇغداي ئىكەن، كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدىكەن.

  «بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللارنىڭ خىزمىتى بار بولۇپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچىم ناھايىتى تىت - تىت بولدى» دېدى گۈلنۇر.

  بۇلتۇر 8 - ئايدا، گۈلنۇر بالىسىنى يەسلىگە بېرىپ، يېزا - بازارلار تەشكىللىگەن تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئارقىلىق گولىخۇا شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا چۈشتى. ئۈچ ئاي تىككۈچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، گۈلنۇر شىركەتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى، ھازىر ھەر ئايدا 1200 يۈەندىن 1800 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «تېخنىكام بارغانسېرى پىشىپ، تاپىدىغان پۇلۇممۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە 10 مىڭ يۈەن يىغدىم، بۇ يىل پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ. مەن ياخشى خىزمەت قىلىمەن، كەلگۈسى تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى».

  كەسىپلەر باغچىسىدا، گۈلنۇرغا ئوخشاش ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتقان نامرات ئامما يەنە ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە مەزمۇنلۇق، گۈزەل بولۇشىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى تىرەك بولغان.

  شىنجاڭ بىباھا دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە 30دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن توققۇزى بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى ئەتراپىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار.

  شىنجاڭ ياڭدېڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى، ئاتۇش شەھىرى ئىزچىلار گىلەم زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلار 450 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 140 كىشى بار.

  ...

  ئاتۇش سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ جىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرىدىكى كىچىك، ئۇششاق (كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت) كەسىپلەر باغچىسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەريانىدا، كىيىم - كېچەك كەسپى، ئېلېكتىرونلۇق دېتاللارنى قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلدى. ھازىرغىچە، باغچە رايونىغا سولياۋ بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت، گىلەم، كەشتە، قوي يۇڭى، تىۋىت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 33 كارخانا ماكانلىشىپ، 5947 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 1200 كىشى بولۇپ، بۇ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، كەسىپلەر باغچىسى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتۇش شەھىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ نامرات ئاھالىلەرنى داۋاملىق جەلپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ