پامىر ئېگىزلىكىدىكى «ساماۋى يول»غا نەزەر

2019.10.22 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە ئېلىنغان شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۇغىيات تاغ ئايلانما تاشيولى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىدىكى شىنجاڭنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن ۋەچە يېزىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەگرى-بۈگرى ئايلانما تاشيول بار بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 36 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭ چۈشۈش پەرقى 1000 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ يولنى شۇ جايدىكى كىشىلەر «ئېگىزلىكتىكى ساماۋى يول» دەپ ئاتايدۇ. ئايلانما تاغ تاشيولىنىڭ ئەگرى-بۈگرى يۈزلىنىشى بىلەن ئەتراپتىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەر بىرلىكتە گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ تاشيولنىڭ ئىسمى ئۇغىيات تاغ ئايلانما تاشيولى بولۇپ، 2019-يىلى 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تاغلىق رايوندىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ