مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇرتداشلارنى باشلاپ بېيىش يولىغا مېڭىش

2019.10.22 15:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكېر يېزىسى بۇمبۇت كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى پېلجې توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز دۇ جيەنخۇي

  «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئاسان ئەمەس، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ئاسان ئەمەس، بۇ، بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر چوڭ خىرىس، لېكىن مېنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىم بار» دېدى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكېر يېزىسى بۇمبۇت كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى پېلجې مۇخبىرغا.

  پېلجېنىڭ ئىشەنچىسى پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇشۇ يىللاردىن بۇيان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلىدىن كەلگەن.

  پېلجې ئىلگىرى بورت كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى بولغان. خوشۇت ناھىيەسى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، پېلجې ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆيىدىكى قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، تاغدىن چۈشۈپ ئۆلزەت كەنتى چارۋىچىلار ئولتۇراق نۇقتىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلزەت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

  كەنتتىكى نۇرغۇن ئايال كەشتىچىلىكنى بىلىدىغان بولۇپ، موڭغۇل مىللىتىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، تام چاپلىقى، بۆكى قاتارلىقلارنى تىكەلەيتتى، لېكىن كۆپ قىسمىنى ئۆزلىرى ئىشلىتەتتى ياكى سوۋغا سۈپىتىدە بىر - بىرىگە ھەدىيە قىلىشاتتى. «قولدا ئىشلەنگەن خاسلىققا ئىگە بۇ نەرسىلەرنى سېتىپ پۇل قىلغان بولساق نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!» پېلجې ئاچا - سىڭىللارنى قانداق يېتەكلەپ بىللە بېيىش توغرىسىدا ئويلاندى.

  ئېرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، پېلجې ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۈرۈمچى، گۇيياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە لايىھەلەشنى ئۆگەندى ھەم ئۆلزەت كەنتى موڭغۇل مىللىتى قول ھۈنەر كەشتىچىلىك جەمئىيىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇردى.

  كەنتتىكى ئاياللار خۇش بولۇشتى، ئۇلار بىرنەچچە كۈندىلا موڭغۇل مىللىتىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، كەشتە، كەشتىلەنگەن ئاياغ، سافا سېلىنچىسى، كەشتىلەنگەن خادا قاتارلىق 30 نەچچە خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى تىكىپ، بىر ئېغىز ئۆينى تولدۇرۇۋەتتى. بۇ ئىش تارقالغاندىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى بەزى ماگىزىن، مېھمانساراي ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەۋەسكارلىرى ئۆزلۈكىدىن كېلىپ سېتىۋالدى.

  ھازىرغا قەدەر، جەمئىيەتكە ئەزا بولغان ھەم مەنپەئەتلەنگەن چارۋىچى 80 نەچچە ئائىلىلىككە يەتتى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئەڭ ئازلىرىنىڭمۇ 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولدى. 2016 - يىلى، خوشۇت ناھىيەسى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ نۇرغۇن ساياھەت مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، پېلجې ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ خەۋەر قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 200دىن ئارتۇق ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىنى لايىھەلەش، تىكىش ۋەزىپىسىنى سۈپىتىگە، سانىغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاپ، بىر قېتىمدىلا 16 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

  پېلجې يەنە چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇردى، ئەتىيازدا لاپاس تېرىقچىلىقى قىلىپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ يازدا گازىر تاۋۇزى تېرىپ، ئارىسىغا چىلان كىرىشتۈرۈپ تىكىپ ئۆستۈردى؛ كۈزدە چارۋىچىلارنى تەشكىللەپ يېقىن جايدىكى فاڭشياڭ پەن - تېخنىكا شىركىتى، رۇيفېڭ قورۇقىغا بېرىپ ئۈزۈم، چىلان ئۈزۈپ، ئەمگەك - مۇلازىمەت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ قىشتا ئىسسىق قوتان سېلىپ، قوي - كالا بورداقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىلارنى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدىلا كىرىم قىلدۇردى. 2018- يىلى، بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8800 يۈەندىن ئاشتى.

  بۇ يىل 4- ئايدا، پېلجې خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكېر يېزىسى بۇمبۇت كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرلىقىغا سايلىنىپ، ئۆزى تۇغۇلغان جايغا يەنە قايتىپ كەلدى. تاغدىكى كونا كەنت ئاھالە كومىتېتىدا قالغان ئاھالىلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بەزى كەنت ئاھالىلىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا، سودا قىلىشقا چىقىپ كەتكەن، بەزى ياشانغان كىشىلەر ناھىيە بازىرىدا تۇرۇپ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، پېلجې ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن كونا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئارىسىدا قاتنىدى.

  5- ئاينىڭ 23- كۈنى، پېلجې كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن كونا كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ كەنت ئاھالىسى يىدەنىڭ تۆگە يۇڭى قىرقىشىغا ياردەم بېرىۋاتقاندا، قوتاندىكى تۆگە ئۈركۈپ كېتىپ پېلجېگە سوقۇلۇپ يىقىتىۋەتتى، نەتىجىدە ئۇنىڭ پاقالچىقى سۇنۇپ كەتتى. «چىمۇدەنىڭ كىگىز ئۆيى تىكىلىپ بولدىمۇ؟ ئۇ ياشىنىپ قالدى، ئۆزى يېتىشەلمەيدۇ...» دوختۇرخانىدا ياتقان پېلجې يەنىلا كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى ئۇنتۇمىدى.

  60 ياشلىق چىمۇدە كەنتتىكى نامرات ئاھالە، بۇ يىل كەنت تىكىلىپ بولۇنغان تۆت كىگىز ئۆينىڭ ھەربىرىنى يىلىغا 400 يۈەندىن ئۇنىڭغا ئىجارىگە بەردى، ئۇ جىنسىتې مەنزىرە رايونىدا چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ، قۇرۇتۇلغان گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق موڭغۇللارنىڭ خاس يېمەكلىكلىرىنى ساتتى. «5- ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 8000 يۈەن تاپتىم، بۇنىڭغا ئوتلاق ياردەم تولۇقلىمىسى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئايرىلغان پايدا قاتارلىق كىرىمنى قوشقاندا، كۈنۈم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ! مۇدىر پېلجې خاتىرجەم بولۇڭ!» دېدى چىمۇدە.

  2010- يىلى، پېلجې شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە شەھەر - يېزا ئاياللار ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشقان ئىلغار شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى. 2017- يىلى 6- ئايدا، پېلجې شەرەپ بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ