مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چوڭقۇر قېزىش، تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش  ئۇزاق ئۈنۈملۈك دائىملىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك

2019.10.22 15:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە 2- قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

  چوڭقۇر قېزىش، تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك دائىملىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايون قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە 2- قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، چوڭقۇر قېزىش، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭقۇر زەربە بېرىش، ئۈزۈل - كېسىل زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەخسۇس كۈرەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خىزمەت يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، كەسىپ، ساھەنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق ئېغىر، زور دېلولارنى قويۇۋەتمەي چىڭ كۆزلەپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» «مۇناسىۋەت تورى»نى قويۇۋەتمەي چىڭ كۆزلەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى قويۇۋەتمەي چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى، سىجىل چوڭقۇر قېزىش، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشنى، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قانۇنچىللىق ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق چوڭقۇر قېزىش، تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك دائىملىق تۈزەش نىشانىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ