مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش

2019.10.22 15:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − قاراماي شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

  مۇخبىرىمىز پەرىزات، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ يۈفېي

  2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇپ ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «قاتتىق تۇتۇش»تىن باشلاپ، «پۇختا بولۇش»نى مەقسەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ■ ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىش ئۆگىنىشتە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىش

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم باش تېما تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار، پايدىلىنىپ يولغا قويغان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مول، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.

  2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە چېتىشلىق ئورۇنلار ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى كۆپ، سانى زور. قاراماي شەھىرى ئوخشاش بولمىغان توپتىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى پارتىيە تەشكىلاتىغا قارىتا قاراتمىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپ، ئۆگىنىش بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش»نى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تۈركۈمگە بۆلۈپ 1526 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىغا قارىتا مەركەزلىك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش ئىستونىنى باشلامچىلىق بىلەن تەسىس قىلىپ، مەزمۇنى مول، تەسىرلىك باش تېما تەربىيەسى ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ھەرىكىتى قولايسىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆيىدىن چىقمايلا رادىيو - تېلېۋىزوردىن پايدىلىنىپ باش تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى يېڭى تەدبىر، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ بىلىش دەرىجىسىنى كېڭەيتتى.

  جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى) پۇقرا تەشۋىقاتچىلار قاتارلىق كۈچلەرگە تايىنىپ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، كۈندىلىك ئائىلە زىيارىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئوقۇش، ئاۋازلىق كىتاب قويۇپ بېرىش، چوڭ كانايدا ئاڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى. 43 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە لى فۇرۇي بوۋاي ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈپ مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىگىلىدى. بوۋاي مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، تېلېۋىزورنى ئېچىپ، <پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى> سەھىپىسىگە كىرسەملا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشەلەيمەن، ئۆيدىن چىقمايلا ئۆگىنىش قىلالايمەن، بەك قولايلىق».

  مايتاغ رايونى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئۆگىنىش مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرى بىلىملىرى، پارتىيە نىزامى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە زېھىن سىناشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى «جانلاندۇردى».

  ■ دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي تۈزىتىش

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى پۇختا ھەل قىلدى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى مەھەللە (كەنت)، خىزمەت پونكىتى - نۇقتىسى، كەسىپ ساھەسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باشلامچى بولۇپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن «3+3+1 » خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  ئورقۇ رايونلۇق پارتكوم بەنزىسى مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ساياھەت كۆرسەتمە تاختىسى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ساياھەت يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تولۇقلىدى؛ مەنزىرە ساياھىتى، سودا ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، بىڭتۇەن - يەرلىك ساياھەت بايلىقلىرىنى پائال بىرىكتۈرۈپ، 3000 مو يەرگە ئالاھىدە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى تېرىپ، يۈلۇڭ مەيدانى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى جانلاندۇرۇپ، سەككىز ئات خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسى قۇردى؛ ساياھەت ھاجەتخانىسى ۋە ساياھەت يېتەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ توغراقلىق مەنزىرە رايونى، دالىدا ئاپتوموبىلدا قونۇش لاگېرى، ئورقۇ بازىرى 100 يۈرۈش خاس پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق تۈر پىلانلىرىنى قوزغىتىپ، پۈتۈن رايون بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پۈتۈن مەنزىرىنى قاپلىغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، پۈتۈن كەسىپ يۇغۇرۇلغان، ئومۇمىي خەلق قاتناشقان ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئېكولوگىيە ساياھىتى يېڭى رايونى قۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى) جۇڭشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى بېيپو مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقاتىنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدىيەۋى تەربىيە، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەردى. باش تېما تەربىيەسىدە بېيپو مەھەللىسىدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇدىن ئىبارەت تۆت مىللەت بىرلىكتە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەدەنىيەت تېمى بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخى ۋە يېڭى جۇڭگو تارىخى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى باش تېما تەربىيەسى بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ