مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىمدا گۈزەل يېزا - كەنتلەر بەرپا قىلىندى

2019.10.22 15:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قانات يايدۇرۇلدى

  تارىمدا گۈزەل يېزا - كەنتلەر بەرپا قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن جې) داۋۇت مەمەت پاكىز، رەتلىك ھەم چىرايلىق ھويلىسىغا نەزەر سالغاندىن كېيىن، چىرايىدا مەمنۇنلۇق ئەكس ئەتتى. «مەن ھازىرقى ياشلارغا ھەۋەس قىلىمەن، ئۇلار كىچىكىدىنلا ياخشى تاماقلارنى يەيدۇ، ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، يەنە ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇلارنى مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان».

  داۋۇتنىڭ ئۆيى مارالبېشى ناھىيەسى ئاناكۆل يېزىسىنىڭ چۈشۈرگە كەنتىدە، دەھلىز چىقىرىلىپ سېلىنغان يېڭى ئۆيگە ياغاچ ئىشىك - دېرىزىلەر ئورنىتىلغان، تۈۋرۈكلەر رەڭدار سىرلانغان، ھويلىسىدىكى باراڭغا ياپيېشىل ئۈزۈم تاللىرى لىق ياماشقان بولۇپ، تىنچ ھويلىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. بۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى دېھقانلار ھويلىلىرىنىڭ تىپىك قىياپىتى.

  بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە، داۋۇت ۋە ئىنى - سىڭىللىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتى ھازىرقىدىن كۆپ جاپالىق ئىدى، ئىلگىرىكى چۈشۈرگە كەنتىدە مۇقىم توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسى ۋە تۇرۇبا سۈيى يوق ئىدى. «كەچتە ئاتا - ئانام سۇ يېغىغا پاختا پىلىكى چىلانغان چىراغ ياندۇراتتى، ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يۈزى مايلىشىپ كېتەتتى.» ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، ياز كۈنلىرى ھويلىنىڭ ھەممىلا يېرى قوي ماياقلىرى بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى پاشا - چىۋىنلەرنىڭ ئازابىغا چىداشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

  ئۇنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى، قىڭغىر - سىڭغىر خام كېسەك ئۆيلەر يەر تەۋرەشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئىلگىرى بىر قېتىم 6.8 بال يەر تەۋرىگەندە مارالبېشى ناھىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، نۇرغۇن دېھقاننىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلانغان ئىكەن.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، تىرىشچان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، كېۋەزلىكتە جاپالىق ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، بالدۇرراق كەڭ، ئازادە، پۇختا چوڭ ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر قۇتۇلالمىغان «نامراتلىق يىلتىزى»نى يۇلۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلاتتى. «بالىلىرىمىز بولسىمۇ ياخشى مۇھىتتا چوڭ بولسۇن» دەيتتى ئۇ ھەمىشە خوتۇنىغا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ئۆيلەرنى يېڭىلاش، يەرلەرنى قاتتىقلاشتۇرۇش، تۇرۇبا سۈيى تورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى ھەم «ئۈچ رايون (تۇرالغۇ رايونى، تېرىلغۇ رايونى، باقمىچىلىق رايونى)نى ئايرىش» ئەندىزىسىنى قوللاندى. پەقەت 2018- يىلىلا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە سالغان مەبلىغى 4 مىليارد 196 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  مىسلى كۆرۈلمىگەن تەدبىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى، تارىمدىكى ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردە يېڭىچە قىياپەت بارلىققا كەلدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن دېھقان - چارۋىچىلارمۇ زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەدرىجىي ئادەتلەندى.

  بۈگۈنكى كۈندە داۋۇت بارغانسېرى «شەھەرلىك»لەرگە ئوخشاپ قېلىۋېتىپتۇ، ئۇ خوتۇنى بىلەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى غەم - ئەندىشىلەردىن بىراقلا قۇتۇلدى. 2017- يىلى، داۋۇت كەنتتىكى تۇنجى «قىسقۇچ پاقا يېگەن» ئادەمگە ئايلاندى − 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ بىر تىكلىمە ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالدى.

  «ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندىن كېيىن، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدىكەن، سۇ چۈشىدىغان ھاجەتخانىمۇ ئۆينىڭ ئىچىدە.» داۋۇتنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار مۇھىت كەنتتىن يىراقلىشىۋېتىپتۇ، سافا، ياغاچ كارىۋات ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيەسى پەيدا قىلىدىغان توپا كاڭنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى بولۇپ قاپتۇ؛ تېخىمۇ ئىشەنچلىك، بىخەتەر بولغان توك پار مەشنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، قىش پەسلىدە ئىسسىنىشتىكى ئالدىن تاللاشقا ئايلىنىۋېتىپتۇ، بۇنى ئىشلەتكەن دېھقان - چارۋىچى ئائىلىلىرى يەنە تولۇقلىما پۇلى ئالالايدىكەن.

  «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى قارىشىغا ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ»، دېدى چۈشۈرگە كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغىنىغا ئۈچ يىلغا يېقىن بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاۋ چېڭچياڭ.

  نۆۋەتتە، چۈشۈرگە كەنتىدىكى نۇرغۇن دېھقان گۈل - گىياھ، كۆكتات قاتارلىق پايدىسى تېخىمۇ يۇقىرى زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈشنى تاللاپ، ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىۋاتىدۇ. بۇ يىل سىرتلارنى ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن داۋۇتتا يېڭى ئوي پەيدا بولدى.

  «بىزنىڭ كەنتىمىز مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ خۇڭخەي مەنزىرە رايونىغا يانداش، ئەتراپىمىزدا يەنە باراقسان ئۆسكەن گۈزەل توغراقلىق بار، ئەگەر دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالىساق، ئوبدانلا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان بىر تاۋاق نارىننى 100 نەچچە يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ»، دېدى داۋۇت.

  داۋۇتنىڭ ئويى كەنتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋۋال يولغا قويىدىغان، ئاۋۋال سىنايدىغان يۆلەش ئوبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ۋە باشقا توققۇز ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئۆز ئۆيلىرىنى قايتىدىن بېزەش، ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلدى. داۋۇت سىرتقى تامنىڭ ئەسلىدىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالدى ھەم ئىشچى تەكلىپ قىلىپ يەرگە چىنىخىش ياتقۇزۇپ، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

  «كېلەر يىلى يازدا ئۆيىمىزدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالالايدىغان بولدۇق»، دېدى داۋۇت.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ