مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئىچىدە 91 مىڭ ئائىلىلىك كونا ئۆينى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىشنى تاماملايدۇ

2019.10.22 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ ۋە يې شياۋمىننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇزېي ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ۋاڭ خۇڭبىڭ مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ ئۆيۈم 58 كىۋادرات مېتىر، 36 يىل ئولتۇردۇم. بۇ يىل ھۆكۈمەت مېنىڭ ئاشخانامنى ۋە تازىلىق ئۆيۈمنى ئۆزگەرتىپ بەردى، ئۆيۈم چوڭىيىپ قالغاندەك، راھەت ھېس قىلىۋاتىمەن.»

  ۋاڭ خۇڭبىڭنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەللە)نى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن كەلگەن. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى كونا ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيىنى ئۆزگەرتىش، تۇرۇبا سۈيى يولى ۋە يۇندى يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، لىفىت ئورنىتىش، ئولتۇراق رايونلارنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى يانداشما ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساس قىلىنغان ئۆيلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە 91 مىڭ ئائىلىلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 88 مىڭ 800 ئائىلىلىكتە قۇرۇلۇش باشلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەللە)نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەللە)نى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئالدىنقى مەزگىلدە زور مىقداردا زىيارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلىرى قاراتمىلىق ھەل قىلىندى، ئىلگىرىكى كۆچۈرۈپ ۋە چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى ھازىرقىدەك 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا سېلىنغان ئۆيلەر ھەم مۈلۈك باشقۇرۇش ئاپپاراتى يوق كونا ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتىلدى.

  ۋاڭ خۇڭبىڭ تۇرىدىغان مۇزېي ئولتۇراق رايونى 1980- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ كىچىك ئۆيلەرنىڭ شەكلى 41 كىۋادرات مېتىر، ئەڭ چوڭ ئۆيلەرنىڭ شەكلى 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ كىچىك تازىلىق ئۆيى ئارانلار 1.08 كىۋادرات مېتىر ئىدى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئۇنداق ئۆيلەر سولياۋ پولات بىلەن ئايرىپ 2.64 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىلگىرى بىرلا ئادەم ئاران سىغىدىغان ھاجاتخانا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يۇيۇنۇش، كىر يۇيۇش، يۈز يۇيۇشنىڭ ھەممىسىنى بىمالال قىلغىلى بولىدىغان بولدى.

  ئۈرۈمچى ئۆي-زېمىن تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى خېڭشىن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چىن يۈبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ گۇرۇھ مەسئۇل بولغان 2019- يىللىق كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈرى 67 ئولتۇراق رايوندىكى 8773 ئائىلىگە چېتىلىدۇ، ئاھالىلەر ئۆيىنىڭ ئاشخانا، تازىلىق ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتكەندىن سىرت، يەنە ئاھالىلەرنىڭ تۇرۇبا سۈيى يولى، يۇندى يولى تورى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى ۋە ئالماشتۇرۇلدى، توك سىمى ئەسلىدىكى ئاليومىن ئۆزەكلىك سىمدىن مىس ئۆزەكلىك سىمغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى. ئۆي سىرتىدا ۋە غول لىنىيەلىك يەرلەرگە كۆمۈلۈپ، يەنە كۆكەرتىش بەلبېغى ئۆزگەرتىلىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ