مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2019.10.21 15:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن خەيبو خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  10- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېيلۇڭجياڭ·ئالتاي ۋە بىڭتۇەن 10- شىسى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 10- شى بېيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن خەيبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

  چېن خەيبو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە دۇچ كەلدى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 3- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر ياخشى ئىشلەپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىن ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۇەن 10- شىسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتاي شەھىرى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 10- شىسى بېيتۈن شەھىرىدىكى دوختۇرخانا، مەكتەپ، يېزا - كەنت قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، نامرات ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن ياۋ شىنمىن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ