مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

2019.10.21 15:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، ئۈچ ياشتىن كىچىك بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى، ساغلام شىنجاڭ ھەرىكىتى قاتارلىق قارالمىلار تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ « 1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىشنى يادرو، تەرەققىياتنى ئاشۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۈچ ياشتىن كىچىك بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى ھاياتلىق دەۋرىيلىكى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياج ۋە مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇلازىمەت سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاندۇرۇپ، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، كەڭ ئائىلىلەرنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشى، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىلگىچە تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ، قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئالدىنى ئېلىش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرى. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتى ئىدىيەسى، مۇلازىمەت ئۇسۇلىنىڭ كېسەلنى داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق تەربىيەسى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى توغرا ساغلاملىق قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، بالدۇر ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك ھالدا كاپالەتلىك قىلىش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ