مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 69- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2019.10.21 15:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 69- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، تۆت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۆت مۇئاۋىن مۇدىرى ئەترەت باشلاپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە تۆت ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ھەم ئورگاننىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرى ئىگىلەندى. ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ۋە ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئىگىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتايلىرى، بولۇپمۇ ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر بايقالدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان ياخشى تەجرىبىلەر، ياخشى ئۇسۇللارنى تولۇق، ياخشى يەكۈنلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ، بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك، بىر تەرەپتىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە، بىرلەشمە ھەرىكەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بىر پۈتۈن بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى ياخشى تەجرىبىلەر ۋە ياخشى ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ