مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنغان 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

2019.10.21 13:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى شىنجاڭ ئاقچى ناھىيەسى قاراچى يېزىسىدىكى بىر كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، گۈلناي ئىبراھىم باشقا بىر نەچچە ئايال ئىشچى بىلەن بىرلىكتە توكلۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە كەشتە تىكىش ماشىنىسى ئارقىلىق گىلەم، سېلىنچا قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىرغىزلارنىڭ كەشتىچىلىكى تۆۋەن ئۈنۈملۈك قولدا ئىشلەش ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ماشىنىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

  «توكلۇق ماشىنىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئىلگىرى بىر كۈندە قىلىپ بولىدىغان ئىشنى ھازىر ئىككى-ئۈچ سائەتتە تۈگىتەلەيمىز، ئۈنۈمىمۇ ئەسلىدىكىدىن ياخشى، مائاشىمىزمۇ ھەر ئايدىكى 1500 يۈەندىن 3000 يۈەنگە ئۆستى»، دېدى گۈلناي ئىبراھىم.

  ئۇزۇندىن بۇيان، قاراچى يېزىسىدا توك سىملىرى كونىراپ كەتكەچكە، بىر قىسىم سەرپىياتى يۇقىرى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بۇ يىل 4-ئايدا بۇ يېزىنىڭ توك يولى ۋە تىرانسفورموتور پونكىتىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ جاينىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، كەشتىچىلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى نورمال ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

  شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان قۇمۇل قوغۇنىنىڭ ئەسلىي ماكانى بولغان قۇمۇل شەھىرىنىڭ يېكەنكۆل يېزىسىمۇ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەندى. يېكەنكۆل يېزىسى توپتال كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەر قېتىم بوران چىققان ياكى قاتتىق يامغۇر ياغقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ توك توختاپ، قوغۇنچى دېھقانلار قوغۇنلۇقنى ۋاقتىدا سۇغىرالمايتتى، بۇ يىل قۇمۇل توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى كەنتتىكى 8.6 كىلومېتىر كونا لىنىيەنىڭ ھەممىسىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئۈچ تىرانسفورموتورنى ئالماشتۇردى. «يۇرتداشلار بۇ يىل پىلان سىرتىدىكى توك توختاشقا ئاساسەن يولۇقمىدى، قوغۇنلۇقنىڭ پايدىسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى».

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا مەركەز خامچوتىدىن 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات رايونلاردىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ