مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقا-ئارقىدىن داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇشقا باشلىدى

مۇخبىر پۈتۈن جەريانلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى ھېس قىلدى

2019.10.17 14:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقا-ئارقىدىن داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇشقا ئالمىشىدۇ.

  شىنجاڭدىن داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمغىچە ئۇچۇش ۋاقتى پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمغىچە ئۇچۇش ۋاقتىدىن بەش مىنۇت تېجەپ قېلىندى. جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ خەيچىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك بېشى، ھەمدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ گۇاڭجۇ ۋە بېيجىڭدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي يادرولۇق تۈگۈنىدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بېيجىڭ داشىڭ ئايروپورتىدىن موسكۋا، لوندون ۋە سانت پېتىرىبۇرگ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بويىچە ئۇچۇش تەستىقلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ. 2021- يىلى 3- ئايدىن بۇرۇن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېيجىڭغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.

  داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تيەنئەنمېن بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 46 كىلومېتىر كېلىدۇ. يولۇچىلار بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بېرىشقا پەقەت 20 مىنۇتلا كېتىدۇ، يولۇچىلار مېترونىڭ ساۋچياۋ بېكىتىدىكى رېلىسلىق قاتناش "داشىڭ ئايرودۇرۇمى لىنىيىسى"گە ئولتۇرسا، 19 مىنۇتتىلا داشىڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ. يولۇچىلار بېكەتتىن چىققاندىن كېيىن بىر-ئىككى مىنۇت پىيادە ماڭغاندىن كېيىن B1قەۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، يۈك-تاقلارنى توشۇتۇش ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئارىلىقسىز ھالدا تېز ئولتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشتا ئەڭ قولايلىق بولغىنى شۇكى، يولۇچىلار ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى ئىچىدىكى ساۋچياۋ مېترو بېكىتىگە جايلاشقان "داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شەھەر ئاۋىئاتسىيە بىناسى"نىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش رايونىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان رەسمىيىتى ۋە يۈك-تاقلارنى توشۇتۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن، ھەمدە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئەڭ بالدۇر بولغاندا ئالتە سائەت، ئەڭ كېيىن بولغاندا 2.5 سائەت ئىچىدە يۈك-تاقلارنى توشۇتسا بولىدىكەن، ئاندىن ئىككى قولىنى ئازاد قىلىپ ئايرودرومغا بارسا بولىدىكەن.

  9- ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 13تە، مۇخبىر داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا كىرگەندىن باشلاپ، ھەممە يەردە ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن قولايلىقى ۋە راۋانلىقىنى ھېس قىلدى. ئايرودرومدا 400دىن ئارتۇق مۇلازىمەتسىز ھالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ماشىنىسى ۋە مۇلازىمەتسىز ھالدا يۈك-تاقلارنى توشۇش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاپلاش نىسبىتى %80كە يەتتى. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، يۈك-تاقلارنى توشۇش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئايروپىلانغا چىقىش، ئايروپىلانغا ئالمىشىش قاتارلىق ھەر بىر ھالقىنى «تېز» دېيىشكە بولىدۇ. مۇلازىمەتسىز ھالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئادەم يۈزىنى پەرق ئېتىش تېخنىكىسى كىرگۈزۈلدى، يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىققاندا كىملىك ئۇچۇرى بىلەن ئادەم يۈزى ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرىدۇ، ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى بېسىش ھاجەتسىز.

  ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن باشقا، ئادەم يۈزىنى پەرق ئېتىش تېخنىكىسى يەنە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىشلىتىلىدۇ، يولۇچىلار يۈزىنى پەرق ئەتتۈرۈش ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىيالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىپ يۈرگەن يۈك-تاقلارمۇ يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى بىلەن باغلىنىدۇ. داشىڭ خەلقئارا ئايروپورت بىناسىدا دۆلەت ئىچىدىن يولغا چىقىش ۋە يېتىپ كېلىش ئارىلاش بولغان ئەڭ ئىلغار ئېقىم لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلانغا چىقىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ