مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزىل يۇلتۇز تىيانشاندا مەڭگۈ چاقنايدۇ

2019.10.16 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە

  شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى بۇ يىل، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتتە، بىز بۇ بىر بۆلەك قاينام - تاشقىنلىق تارىخنى قايتا ئەسلەپ، ئەسلىي مەقسەتنىڭ ماھىيىتىگە قايتىپ، بۇرچ - ۋەزىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ■ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش زەپەر مارشى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىرىش

  پارتىيە نېمىنى قىل دېسە شۇنى قىلىپ، پارتىيە قەيەرنى كۆرسەتسە شۇ جايدا جەڭ قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى مەركەزلىك نامايان قىلىش. 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ماۋجۇشىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1- دالا ئارمىيەسى 1- بىڭتۇەنىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ جېن 2-، 6- جۈننى باشلاپ، شىنجاڭغا ھەيۋەتلىك چوڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئەڭ چەت، يىراق، ئەڭ جاپالىق جايلارغا بېرىپ، جاپاكەش خەلقنى ئازاد قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتەك يۈكسەك بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى.

  ئۇلۇغ ئىش ئارقىلىق ئازادلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. 1949- يىلى 9- ئايدا، 1- دالا ئارمىيەسى چوڭ غەربىي شىمالنى قاپلىغان، ئازادلىق ئۇرۇشى پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان چوڭ يۈزلىنىشتە، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئارمىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئايرىم - ئايرىم تېلېگرامما يوللاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستى. لېكىن، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيەنىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى)دا تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى تىنچ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئاستىرتىن توسقۇنلۇق قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى»نى پىلانلاپ قوزغاشقا قۇتراتتى، قوللىدى؛ گومىنداڭ جاھىللىرى تىنچ ئازاد قىلىشقا كۈچىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جياڭ جيېشى شىنجاڭدىكى ئىشەنچلىك ئادەملىرىگە تېلېگرامما يوللاپ «تىنچلىق ھەرىكىتى بىلەن ھەرگىز شۇغۇللانماسلىق»قا بۇيرۇق بەردى؛ شىنجاڭنىڭ ئارمىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىچىدىكى ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلارمۇ ئازادلىق ئارمىيە بىلەن ئاخىرغىچە جەڭ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىلچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي تۇرۇپ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى؛ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ كاتتىباشلىرى يەنىلا ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىپ، توپىلاڭ ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاپ قوزغاشنى تېزلەتتى. ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ماۋجۇشى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، كەسكىنلىك بىلەن شىنجاڭغا كىرىش دانا تەدبىرىنى چىقاردى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جىددىي تەييارلىق قىلىپ، تېز سۈرئەتتە شىنجاڭغا كىرىپ، پەقەت ئالتە ئايدىلا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا قادىدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرىپ، جاھانگىرلارنىڭ رەزىل سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ، گومىنداڭ جاھىللىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىنى تارمار قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر خىل ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  باتۇرلۇق بىلەن ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش. شىنجاڭغا كىرىش يولى ھەرگىزمۇ تۈپتۈز بولغان ئەمەس، قىسىمنىڭ ھەم ئىنتايىن ناچار تەبىئىي مۇھىت بىلەن كۈرەش قىلىشىغا، ھەم ھەر ۋاقىت تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشى ۋە ئۇنى تارمار قىلىشىغا توغرا كېلەتتى. ۋاقىت كۈزنىڭ ئاخىرى، قىشنىڭ بېشىغا توغرا كەلگەچكە، نۇرغۇن قىسىم سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى تېخى تولۇق تەييارلاپ بولالمىغان، نۇرغۇن كوماندىر - جەڭچى يەنىلا يالاڭ كىيىنگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا تۆمۈريول يوق، تاشيولنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار، قاتناش قوراللىرى ئىنتايىن قىس بولۇپ، كۆپ ساندىكى قىسىم پەقەت پىيادە ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولدى. 1949- يىلى 10- ئايدا، 2- جۈن تەلىم - تەربىيە تۇەنى تۇرپاندىن يولغا چىقىپ 1600 كىلومېتىردىن ئارتۇق پىيادە مېڭىپ، قاتمۇقات جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، 12- ئاينىڭ بېشىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر قەشقەرگە غەلىبىلىك يېتىپ باردى. 1949- يىلى 12- ئايدا، ئاقسۇغا يېتىپ بارغان 2- جۈن 5- شىنىڭ 15- تۇەنى دەم ئېلىش - تەرتىپكە سېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا خوتەنگە جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلدى، كوماندىر - جەڭچىلەر ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىپ، كۆچمە قۇم، بوران - چاپقۇن ۋە قەھرىتان سوغۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەر كۈنى قۇملۇقتا 50 كىلومېتىردىن ئارتۇق ھەربىي يۈرۈش قىلىش سۈرئىتى بىلەن 15 كېچە - كۈندۈز پىيادە مېڭىپ «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەننى ئازاد قىلدى. 1- دالا ئارمىيەسى ھەم غەربىي شىمال ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى پېڭ دېخۇەي، جېڭۋېيى شى جۇڭشۈن تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەقدىرلەپ ئىلھام بەردى: «سىلەر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەربىي يۈرۈش رېكورتىنى ياراتتىڭلار، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ غەلىبىلىك ھەربىي يۈرۈش قىلغان شەرەپلىك جەڭچىلىرىمىزگە ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!» 1949- يىلىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭغا كىرگەن قىسىم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قومۇل، پىچان، بۈگۈر قاتارلىق جايلاردىكى كۆپ قېتىملىق ئەكسىيەتچىل قوراللىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچىتىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ، داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى، كونترول قىلدى.

  تەشكىلنى تاكامۇللاشتۇرۇپ يېڭى سەھىپە ئېچىش. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پارتىيە شىنجاڭدا يەرلىك تەشكىلات قۇرمىغان بولۇپ، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىمۇ يوق ئىدى، قىسىمنىڭ شىنجاڭغا كىرىپلا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە خەلق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. 1949- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار 8400دىن ئارتۇق كادىر ئاجرىتىپ خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، يەرلىككە ياردەملىشىپ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ رايونلۇق پارتكوم، ئون ۋىلايەتلىك پارتكوم، 80 ناھىيەلىك پارتكوم ۋە 500دىن ئارتۇق رايونلۇق كومىتېت قۇردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى توققۇز ۋىلايەت، 58 ناھىيە، 1512 يېزىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇشىغا قاتناشتى. ئارقىدىن يەنە 4500دىن ئارتۇق ئادەم ئەۋەتىپ يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق كەمبەغەل دېھقانغا يەر تەقسىملەپ بەردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندى. شىنجاڭغا كىرىش زەپەر مارشىغا ئەگىشىپ، 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى قۇرۇلدى، ۋاڭ جېن شۇجى بولدى؛ 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، پېڭ دېخۇەي قوشۇمچە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى، جېڭۋېيى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى رەھىمسىزلىك بىلەن قۇل قىلىشى ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشىغا خاتىمە بەردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە تارىخ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  ■ مەشئەلنى يەتكۈزۈش تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش

  70 يىلدىن بۇيان، قىزىل بايراق تىيانشاننىڭ ھەممىلا يېرىدە جەۋلان قىلدى، بۇرچ مەشئىلى يەتكۈزۈلدى، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى.

  ئىنقىلاب چوغى چېچىش. ھەربىي رايوندىكى قىسىملار تارىخقا، دۆلەتكە ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش بۇرچ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، قۇرۇلۇش، تەرەققىياتقا ئاتلىنىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تاراتتى. شىنجاڭغا كىرىش سەپىرىدە، كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر «خىتابنامە، تەشۋىقات ئەترىتى، سېيالكا» بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تارقاتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئازادلىق ئارمىيەنىڭ سۆز - ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشىدىن پارتىيەنى تونۇدى، پارتىيەگە ئىشەندى، پارتىيەنى ھىمايە قىلدى. شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە توپىلاڭنى تىنچىتىش، باندىتلارنى يوقىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇردى؛ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قەدىمىي چۆل - باياۋانلارغا ئاتلىنىپ، بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا جوتۇ ئېلىپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ بىر بۇيرۇق بىلەن 100 مىڭ كوماندىر - جەڭچى شۇ جايدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇردى، زورايتتى... خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خۇددى ئىنقىلاب چوغىدەك غەربىي قىسىمدىكى چېگرا ئۆتكەللىرىگە چېچىلىپ، يالقۇن بولۇپ يېنىپ، پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چېچىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە «كومپارتىيە ياخشى، ئازادلىق ئارمىيە سۆيۈملۈك» دېگەن ئۇرۇقنى چوڭقۇر سالدى.

  ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنىڭ مۇستەھكەم كۈچ تىرىكى، جەزمەن جەڭگىۋار ئەترەت، خىزمەت ئەترىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇش رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭغا كىرگەن 70 يىلدىن بۇيان، قەيەردە جىددىي، مۈشكۈل، خەتەرلىك ئېغىر ۋەزىپە بولسا، قەيەردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېھتىياجى بولسا، شۇ يەردە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بار بولدى. ياخشى جەڭگىۋار ئەترەت بولۇپ، ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش، چېگرانى قامال قىلىش - كونترول قىلىشتىن قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىگىچە، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتىن خەتەردىن - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ھايات - ماماتلىق قۇتقۇزۇشقىچە، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار باشتىن - ئاخىر ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. ياخشى خىزمەت ئەترىتى بولۇپ، تەشۋىقات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەت - دىن سىياسىتى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» قاتارلىق ئۆگىنىش تەربىيەلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىغا دوختۇر يەتكۈزدى، دورا يەتكۈزدى، بىلىم يەتكۈزدى، قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشىگە ھەمكارلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇقىملىقنى ئويلىشى، كىشىلەر قەلبىنىڭ تىنچلىقنى ئويلىشىنى شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇردى. ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئېتىز بەرپا قىلىش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا پائال ئاتلىنىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسى قاتارلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىگە قاتنىشىپ، ئوپتىك كابېل قۇرۇلۇشى قىلىش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلققە بەخت ياراتتى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىدى. 70 يىلدىن بۇيان، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار باشتىن - ئاخىر ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر تەرەپنى قوغداپ تىنچلىقنى ساقلىدى، بىر رايوننى قوغداپ مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەنىۋى ئابىدە تىكلەش. ھەربىي رايوندىكى قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر باشتىن - ئاخىر «چېگرا مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش»نى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان «قاراقۇرۇم روھى»نى كۈچلۈك ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە يىلتىز تارتىپ، سادىقلىق بىلەن چېگرا مۇداپىئەسىنى ساقلاپ، قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىدى، زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپ بارلىققا كەلدى. «خەلق تۆھپىكارى» لى دىسەن شىزاڭغا كىرگۈچى ئالدىن يۈرەر ليەننى باشلاپ 63 ئادەم قۇربان بولۇشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى ئېگىزلىككە قادىدى؛ «جياڭجۈن دېھقان» گەن زۇچاڭ ئۆمۈر بويى نام - مەنپەئەت قوغلاشماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، جياڭجۈن بولماي دېھقان بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونغا پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىدى؛ پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت نام - تۆھپىسىنى يوشۇرۇپ، ئۆمۈربويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىدى؛ «خۇاڭ جىگۇاڭ»چە قەھرىمان ۋاڭ جۇڭديەن، «مىنا تازىلىغۇچى قەھرىمان» لو گۇاڭشيې، «كۈرەش قەھرىمانى» ئىسمائىل مەمەت ھاياتى بىلەن «بىرىنچىدىن جاپادىن قورقماسلىق، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماسلىق»تەك كۈرەش روھىنى نامايان قىلىپ، كوئېنلۇن چوققىسىدا بۇرچ ئۈچۈن جان پىدا قىلدى؛ «ياشلىق باھارىنى، ئەۋلادلىرىنى بېغىشلىغان» قۇملۇقتىكى پېشقەدەم ئەسكەر، «خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى» خې چاڭفۇ، «خەلق مۇھاپىزەتچىسى» سۈي جىخېڭ، «قاراقۇرۇمدىكى پولات قاراۋۇلخانا» «قاراقۇرۇمدىكى نەمۇنىلىك داۋالاش پونكىتى» «ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ليەن» «قارلىق ئېگىزلىكتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ليەن» «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ليەن» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپ ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار توپى ھەربىي رايوندىكى قىسىملاردىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەدە شەرەپ قۇچۇپ، ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە قالدۇردى.

  ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى مۇستەھكەملەش. ھەربىي رايوندىكى قىسىملار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى مۇھىم بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، تەسىرىدىن قاتتىق ساقلاندى، ئۇنى قاتتىق كونترول قىلدى؛ ئەتراپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىق سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ چېگرا سۆھبىتى، ئۇچرىشىشى، ئىككى تەرەپلىك بىرلەشمە دوستلۇق، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر، بىرلەشمە ھەربىي مەشىق قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپ خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ياراتتى؛ چېگرا مۇداپىئە كۈرىشىنى پۇختا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، چېگرانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، كونترول قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنى خاتىرجەم قىلدى.

  ■ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش كۈچنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش

  70 يىللىق مۇساپە ئۇزۇن، 70 يىل ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاش. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار شى جۇشىنىڭ ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، مۇداپىئەنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قوغداش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقاردى.

  مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش. ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەربىي رايوندىكى قىسىملار باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقىنى بايراق قىلىپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش قىلىپ، شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، شى جۇشىغا مەسئۇل بولۇش، شى جۇشىنى خاتىرجەم قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ۋە شى جۇشىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخوۋ، فاڭ فېڭخۇي، جاڭ ياڭنىڭ زەھىرى، تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس تازىلاپ، ھەربىي رايوندىكى قىسىملارنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي سەگەكلىكى ۋە قەتئىي ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مۇرەككەپ مۇھىت، مۇھىم، زور ۋەزىپە، رېئال كۈرەش سىنىقىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى.

  جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەت يۆنىلىشى، بۇرچى. شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار جەڭگىۋار قوشۇننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر زەربىدار بولۇپ، ئاۋانگارت بولۇپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، تاشقى كۈچكە تاقابىل تۇرۇش، ئىچكى قىسىمنى مۇقىملاشتۇرۇش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى. يېڭى دەۋردە، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئەتراپ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار باشتىن - ئاخىر جەڭگىۋار قوشۇننىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جۇشىنىڭ ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇش يوليورۇقى، تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىنچلىقتا جۇغلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، قىسىمنى ئېگىزلىكتىكى بۇرچ تېما مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى شارائىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى قىسىملارنى پەرقلەندۈرۈپ ئەمەلىي جەڭگە مايىللىشىش ئارقىلىق باھالاشقا تۈرتكە بولۇشقا تەشكىللەپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جەڭ قىلىش بويىچە كوللېكتىپ مەشىقى ۋە بىرلەشمە جەڭ مانېۋىرىغا يۇقىرى ئۆلچەمدە قاتناشتى، ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلقتىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» بىرلەشمە باشقۇرۇش، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى ماسلاشتۇرۇپ بەرپا قىلدى. 2018- يىلى 1- ئايدا، شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدى، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، چېگرانى قوغداپ مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ مەڭگۈ «ياخشى تۇراقلاشتۇرغۇچ»ىسى بولدى.

  باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى سۆيۈش. ھەربىي رايوندىكى قىسىملار ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى ئىش قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتتى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ ئەترەت» فۇنكسىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 1600دىن ئارتۇق تەشۋىقات كىچىك گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى، 56 خەلق قوراللىق بۆلۈمى خىزمەت ئەترىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ھويلا - ئارانلارنى تازىلاش، زىرائەتلەرنى ئورۇش - يىغىش قاتارلىق كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ھېسسىياتنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇردى. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 2100 يۈرۈشتىن ئارتۇقنى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەردى، 184 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئەشيالىرىنى توشۇدى، بىر قىسىم يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى، خەلق ئەسكەرلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىن 21نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، تىنچ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنى ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا تەشكىللىدى. «ئونمىڭ چاقىرىملىق چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە نامراتلارنى يۆلەش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ھەرىكىتى»نى باشلاپ، 128 چېگرا كەنتىگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، 7200 ئائىلىلىك نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمگەك نەق مەيدانى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپى، نامراتلارنى يۆلەش يولىدا ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتتى.

  70 يىللىق تارىخىي مۇساپە جاپالىق بولدى، 70 يىل ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى. پەقەت تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى يەردە قويمىغاندىلا، ئەجدادلارغا تەسەللى بېرىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، قىزىل يۇلتۇزنى تىيانشاندا مەڭگۈ چاقنىتىپ، مەڭگۈ نۇر چاچقۇزىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ