مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاتاۋدا چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى

2019.10.16 16:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 23- كۈنىگە قەدەر، ئالاتاۋ تاموژنىسى چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن جەمئىي 10 مىڭ 412 قېتىمنى نازارەت قىلغان، باشقۇرغان.

  2011- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى − «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققاندىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغىلى توققۇز يىل بولدى. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتىدا قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 14 ئاساسلىق لىنىيەسى بار بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە بارالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تىرانسپورت كەسپىي مۇلازىمىتى ۋە يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، نۆۋەتتە كۆلەملەشكەن، دائىملاشقان تىرانسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، جېڭجوۋ، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلار بىلەن بىللە بىرىنچى سەپتە تۇرىدۇ، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىمۇ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ غەربتىن چېگرادىن چىقىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتچى پويىزدا توشۇلىدىغان يۈك تۈرلىرىمۇ بارغانسېرى موللاشتى، ئەڭ دەسلەپكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، پىرىنتېر، خاتىرە كومپيۇتېردىن ھازىرقى يېمەكلىك، قىزىل ھاراق، ئاپتوموبىل، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك مال قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق تاۋارغا كېڭەيدى، تىرانسپورت قوشۇلما قىممىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  قۇرۇقلۇق يولى ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرى خەلقئارا تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىنجاڭ ئالاتاۋ جيېئەن ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى يۈ سۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىلگىرى غەربتىن چېگرادىن چىقىدىغان تۆمۈريول راۋان ئەمەس، پويىزنىڭ توشۇش كۈچى ئاز، كەسىپ تەرتىپى كۆپ ئىدى، بىر - ئىككى كۈن نۇرغۇن ئورۇنغا قاتراپ ئاندىن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلەيتتۇق، ماللارنى ئالاتاۋ پورتىدا بىر نۆۋەتچى پويىز توشقىچە ساقلاپ ئاندىن يولغا سالالايتتۇق. ھازىر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش كۈچىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى، يۈرۈش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا بولۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش سۈرئىتى تېزلەشتى.

  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئالاتاۋ تاموژنىسى پويىزنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقتىنى ئىلگىرىكى 40 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقا قىسقارتتى؛ تالون مەشغۇلات تەرتىپى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 12 سائەتتىن ئالتە سائەت ئىچىگە قىسقارتتى؛ كونتېينېرلىق نۆۋەتچى پويىزلارنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئالتە سائەت ئىچىدە كونترول قىلىپ، پۈتۈن نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ۋاقتىنى 30 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالاتاۋ تاموژنىسى مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىش، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، 24 سائەتلىك مەشغۇلات ئەندىزىسى قاتارلىق بىر قاتار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، 365 كۈن توختىماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىز كەلگەن ھامان يولغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2- بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى داڭ شاۋفېي.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى جايلىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە تۇتاشقان، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، رۇسىيە ھەمدە ياۋروپاغا تۇتاشقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «تۆمۈريول قاتنىشى چەمبىرىكى»نى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ