مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2019.10.16 16:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2021- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى%25كە يېتىدۇ

  مۇخبىرىمىز لى چۇنشيانىڭ 10- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2021 - 2019 يىل)» ئېلان قىلىنغان. لايىھەگە ئاساسەن، 2019- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەكنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  لايىھەدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، كارخانا ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقان نۇقتىلىق توپ ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىقلارغا يۈزلىنىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلىدۇ. نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى، شەھەر - يېزىلاردىكى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملار، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىز خادىملار ۋە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، مېيىپ كىشىلەر قاتارلىقلار كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %25كە يېتىدۇ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەر سانىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %30كە يېتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن، لايىھەدە تۈرلۈك كارخانىلار، بولۇپمۇ كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلغان ئادەم سانى بىرقەدەر كۆپ كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىشىنى قوللايدىغانلىقى، كارخانىلار بىلەن كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ پىراكتىكا قىلىش، تەربىيەلەش مەركىزى، ئوقۇتۇش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى ئورتاق قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدىغانلىقى، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشىغا ياكى قۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ