مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەختلىك تۇيغۇسى ۋە گۈزەللىك ئىپادىلەنگەن يېڭى سۈرەتلەرنى بىر نىيەتتە تەسۋىرلەيلى

_ _ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ

2019.10.16 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات رايونلار ھېسابلىنىدىغان «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ھازىر ئاھالىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر بولدى. 2018 ـ يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 30مىڭ ئادەم باشقا جايغا كۆچۈرۈلدى. بۇ يىل 9ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، 19 مىڭ ئادەم كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈچ يىللىق كۆچۈرۈش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى؛ ھازىرغىچە، نامرات ئائىلە ئەمگەك كۈچلىرىدىن 59 مىڭ ئادەم قوشۇلۇپ تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، 238 مىڭ نامرات ئائىلىنىڭ ھويلا-ئارام ئىگىلىكى ۋە ئۆزگىچە تېرىقچىلىق قىلىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست — ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا، مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات رايونلار ھېسابلىنىدىغان «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ بىرىدۇر. بۇ يەرلەردە نامراتلارنى يۆلەش تەننەرخى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، بۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان «قىيىن مەسىلە»لەرنىڭ بىرى، ھەمدە شىنجاڭدا نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە.

  بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر بولدى، بەختلىك تۇيغۇسى ۋە گۈزەللىك ئىپادىلەنگەن مەنزىرىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە نامايان بولماقتا.

  باشقا جايغا كۆچۈرۈش

  كېيىنكى يۆلەشتە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش

  قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيە بازىرى بەخت باغچىسى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق چىمەنگۈل قۇربان بولسا، مەھەللە يېنىدىكى "ھەمراھ زاۋۇت"قا قاراشلىق خېخۇڭ كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، چىمەنگۈلنىڭ يۈزىدە بەختلىك تۇيغۇسىغا تولغان قىياپەت ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

  چىمەنگۈلنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى جىگدە كەنتىدە تۇراتتى.ئۇ كەنت بولسا، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بىر كەنت ئىدى. چىمەنگۈل: بىز ئىلگىرى تۆت جان ئادەم بىر ياغاچ ئۆيدە قىستىلىپ ئولتۇراتتۇق، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيتتۇق، دېدى. چىمەنگۈلنىڭ دېيىشىچە، ئۇنى ھەقىقىي يار-يۆلەكسىز قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق، تېرىيدىغان يېرىمۇ يوق ئىدى. چىمەنگۈل يەنە مۇنداق دېدى: بىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بىر ئۆمۈر بەھرىمەن بولىۋەرسەك بولمايدۇ، دەپ ئويلايتتۇق.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشى چىمەنگۈلنىڭ ئائىلىسىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. 2017- يىلى 4ـ- ئايدىن باشلاپ مارالبېشى ناھىيەسى يەنە چەت ۋە يىراق رايوندىكى، ھەمدە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، يەر كەمچىل ياكى تۆۋەن ھوسۇللۇق كەنتتىكى ئاھالىلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  2018- يىلى 1ـ ئايدا، چىمەنگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 68 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. شۇ يىلى 6- ئايدا چىمەنگۈل خېخۇڭ كىيىم-كېچەك شىركىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، ئىشچى بولدى. مانا، مەن تۈنۈگۈن 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالدىم. دېدى. ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، چىمەنگۈلنىڭ سۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئىشچان، قابىلىيەتلىك بولغاچقا، گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

  مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم، ھەمدە شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مارالبېشى شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى يەن بۇيى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: مارالبېشى ناھىيەسى كۆچۈرۈش بىلەن تەرەققىياتنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇردى. كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، "ھەمراھ زاۋۇت" قۇرۇلۇشىنى كىرگۈزۈپ، سودا رايونى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، نامرات خادىملارنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەشكە ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى.

  يېقىندا چىمەنگۈلنىڭ ئۆيىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنىڭ قۇيغۇقى ئۈزۈلمىدى. 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۇنىڭ ئېرى راخمانجان ئىبراھىمنىڭ ماشىنا رېمونت قىلىش دۇكىنى تىجارەت باشلىدى. راخمانجاننىڭ ماشىنا رىمونىت قىلىش ھۈنىرى بار بولۇپ، چىمەنگۈل يىغقان بىر يىلدىن ئارتۇق مائاشى بىلەن دۇكان ئاچتى.

  بۇنداق ياخشى كۈنلەرنى ئىلگىرى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، دېدى، چىمەنگۈل، ئىشىنىمەنكى، تىرىشىپ ئىشلىسەكلا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018ـ يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 30 مىڭ ئادەم كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 19 مىڭ ئادەم كۆچۈرۈلۈپ، ئۈچ يىللىق كۆچۈرۈش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بازىسى، رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كېيىنكى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، 1010 ئېغىل-قوتان، 507 ئەسلىھەلىك پارنىك، 14 "ھەمراھ زاۋۇت" قۇرۇپ، كۆچۈرۈش ئوبيېكتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدىكى كارخانىلارغا «قىستۇرۇش» شەكلىدە ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ سىڭىشىش تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ