مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاشقورغان ئايرودۇرۇمى تۈرى تەستىقلاندى

2019.10.15 16:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇشقا قوشۇلدى.

  تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق قوللاش تۈرى. بۇ تۈر شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى ۋە پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ سىرتقا قارىتا قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇ تۈرگە تەخمىنەن 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 160 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 400 توننا بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە لايىھەلەنگەن، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى C4. ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇزۇنلۇقى 3800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىرلىق بىر ئۇچۇش- قونۇش يولى ياسىلىدۇ، ئاساسىي قونۇش يۆنىلىشىدە 1-تۈردىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قونۇشقا يېتەكلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ 3000 كىۋادىرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە تۆت ئايروپىلان ئورنى بار بېكەت سۇپىسى قۇرۇلىدۇ؛ بىر مۇنار سۇپىسى ۋە 800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش بىناسى سېلىنىدۇ؛ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي ۋە توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ