مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېقىنقى ئىككى يىلدا شىنجاڭدا ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن 120 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2019.10.15 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2018- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن 120 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇردىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن بولغان 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)گە قارىتا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

  بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ يۆتكەپ، ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر-بازار، كارخانا ۋە سانائەت رايونى قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ. بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئەمگەك كۈچى 126 مىڭ 600 گە يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش پىلان ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، 2018 ـ يىلى شىنجاڭدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)دە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن 61 مىڭ 500 نامرات ئائىلە ئەمگەك كۈچى بار؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، 65 مىڭ نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرى تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %162.69 تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ