مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچىلەر

2019.10.10 16:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ تاۋ، گۇەن چياۋچياۋ، گۇ يۈ

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ناھايىتى نۇرغۇن كىشى دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئارقىلىق بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. ھالبۇكى، 19 ئۆلكە، شەھەردىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، كادىرلار يەنىلا ئىش ئورنىدا ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەكلا ئالدىراش ئىشلىدى.

  لياۋنىڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر ۋاڭ يىڭ:

  ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن

  شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا، لياۋنىڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر ۋاڭ يىڭ ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئىزچىل تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى «قوغدىدى».

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمى شۇ جايدىكى جىددىي، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى جىددىي قۇتقۇزىدىغان مەركەز بولۇپ، تۇغۇت بۆلۈمى قوبۇل قىلىدىغان جىددىي، ئېغىر كېسەللەر بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، بۆلۈمدە ئادەم يېتىشمەيتتى. ۋاڭ يىڭ جۇڭگو تېببىي داشۆسىنىڭ 4- تۈركۈمدە ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىرى، ھازىر تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. بۇ يىل 5- ئايدا بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان 60 نەچچە تۇغۇتلۇق ئايالنى قوبۇل قىلدى.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋاڭ يىڭنىڭ ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرغىنىغا يېرىم ئاي بولمىغانىدى، بىراق ئۇ يەنىلا خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. ھەر كۈنى سەھەردە، ۋاڭ يىڭ ھامان كېسەلخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تۇغۇش ئالدىدىكى ئاياللارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تۇغۇش ئەھۋالىنى باھالاپ - مۆلچەرلەپ، تۇغدۇرۇش ئۇسۇلىنى بېكىتتى.

  «بۈگۈن كېسەلخانىدا تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان جەمئىي 17 ئايال بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىدە تۇغۇش ئالامىتى كۆرۈلدى، ھەر ۋاقىت كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى ۋاڭ يىڭ.

  گەرچە ئائىلىسىدىن ئونمىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇپ، قەلبىدە بىر جۈپ ئوغۇل - قىزىنى چوڭقۇر سېغىنسىمۇ، بىراق ئۇ تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. «بۇ جايدىكى ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەن ئۈچۈن ئەڭ پەخىرلىك ۋە بەختلىك ئىش».

  ۋاڭ يىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىدىن ئايرىلمىدى، «داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر، بىز ئىككى تەرەپ داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنەلەيمىز، شىنجاڭدىكى دوختۇرلار سىرتقا چىقماي تۇرۇپلا بىر قىسىم ئىلغار داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمدە <تارقىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش> رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇ جاي ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۇغۇت بۆلۈمى تېببىي خىزمەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىمەن» دېدى ۋاڭ يىڭ.

  شەندۇڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى جوۋ جيەن:

  چېگرا رايون مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شەندۇڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى جوۋ جيەن ئىزچىل ئىشخانىسىدا ئالدىراش بولدى. ئۇنىڭغا بۇ مەۋسۇمدە يېڭى دەرس قوشۇلغانىدى، «دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىدا مەركەزلىك دەرس تەييارلىدىم.» ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى ئۇنى ئىزدەپ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئىلمىي ماقالىسى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاققىچە مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

  شەندۇڭ سودا - سانائەت شۆيۈەنىنىڭ «ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئۈلگىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2018- يىلى 9- ئايدا جوۋ جيەن قەشقەر داشۆسى ماتېماتىكا ۋە ئىستاتىستىكا شۆيۈەنىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلدى. شۆيۈەندە ياش ئوقۇتقۇچىلار بىرقەدەر كۆپ، پەن تەتقىقات تەجرىبىسى كەم بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات، ئىلمىي ماقالە يېزىش، پەن تەتقىقات تۈرى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچى پىكىر بىلەن تەمىنلىدى.

  جوۋ جيەن بىلەن بىر ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىدىكى ياش ئوقۇتقۇچى جاڭ گې ئىزچىل ئىقتىساد ماتېماتىكىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. جوۋ جيەن پەن تەتقىقات بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تېما تەتقىق قىلىشنى ئورتاق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. «پەن تەتقىقاتى جەھەتتە، ھەتتا تېما ئىلتىماسنامىسى يېزىش قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلارغىچە، جوۋ مۇئەللىم ماڭا ياردەملىشىپ ئەستايىدىل تۈزىتىپ بەردى. ھازىر مېنىڭ پەن تەتقىقاتتا تاللىغان تېمام مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىنجاڭ تەبىئىي پەنلەر فوندى تۈرىگە تاللاندى» دېدى جاڭ گې.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جوۋ جيەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. جوۋ جيەن دائىم ياتاقلارغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلىدى.

  ئالىي مەكتەپنىڭ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى بەختىگۈل تۇرغۇن تۇنجى قېتىم ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ ناتونۇش مەكتەپ مۇھىتىغا كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئازراق ئەندىشە قىلاتتى. «بىر قېتىم كېچە سائەت 2گىچە تېلېفونلاشتۇق» دېدى جوۋ جيەن، «مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ داشۆ تۇرمۇشۇم ۋە ئائىلەمنى سۆزلەپ بەردىم، مەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن كەچۈرمىشىم ئارقىلىق ئۇنى رىغبەتلەندۈردۈم، ئۇنىڭ جاسارەتلىك، غەيرەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي - ساددا ئىكەن، ئۇلار تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشى، چېگرا رايون مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچىمىزنى قوشىمىز» دېدى جوۋ جيەن.

  خېبېيدىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ياڭ خەييەن: مەترېھىم بىلەن ئۆمۈرلۈك تۇغقان بولىمەن

  «دۆلەت بايرىمى كۈنى، بىز كوللېكتىپ ھالدا خېبېينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردۇق، ئىككىنچى كۈنى خىزمەت ئورنىمىزغا قايتىپ كەلدۇق، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە مەن ئىزچىل <تۇغقىنىم>غا ياردەملەشتىم.» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلچە بولغان چەرچەن ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ خەييەن بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇرۇنقىدىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «<تۇغقىنىم>نىڭ كېۋەزلىرى ئېچىلىپ كەتكەچكە، بۇ بىرنەچچە كۈندە ئۇنىڭ پاختا تېرىشىغا ياردەملەشتىم» دېدى ياڭ خەييەن.

  2017- يىلى 2- ئايدا، تۆت كۈن يول يۈرۈپ، ياڭ خەييەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى شىنجاڭنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە كەلدى. شۇ يىلى 3- ئايدا، ياڭ خەييەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشكە ئېھتىياجلىق يەنە بىر «تۇغقان»ى كۆپەيدى − ئۇ ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2 - گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەترېھىم راخمان ئىدى.

  «ياڭ ئاكام دائىم بىزنى يوقلاپ كېلىدۇ، بىزگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى مەترېھىم. گەرچە ياڭ خەييەننىڭ نەزەرىدە، ھەر قېتىملىق ياردەم تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىش بولسىمۇ، بىراق مەترېھىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياڭ ئاكىنىڭ كېلىشى تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىدى. «ياڭ ئاكام بىزگە ياردەملىشىپ ھويلا - ئاراننى تۈزلەپ بەردى، يول ياساپ بەردى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، ھازىر يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ مۇقىم خىزمەت تېپىپ بەردى» دېدى مەترېھىم.

  مەترېھىمنىڭ ئىككى بالىسى بار، ياڭ خەييەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، دائىم بالىلار بىلەن بىللە ئويۇن ئويناپ، ئۇلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزاق دەم ئېلىشتا ياڭ خەييەن بايرامنى مەترېھىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. «مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھازىر يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ كەتتۇق»، گەرچە ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يەردە «تۇغقان»ىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرگەندە، قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدىكەن.

  «يېقىندا مەن داۋاملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مەترېھىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان رىشتەم تېخىمۇ چىڭىيىدىغان بولدى، بىز ئۆمۈرلۈك تۇغقان بولىمىز» دېدى ياڭ خەييەن.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ